تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 24|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئائىلىدە توك تېجەش ئۇسۇللىرى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
ئائىلىدە توك تېجەش ئۇسۇللىرى ھەققىدە

1. يورۇتۇش جەھەتتىن توك تېجەش: يالتىراق لامپىنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىش ئۈنىمى يۇقىرى بولۇپ، يورۇقلۇق نۇرى يېقىشلىق، ئىشلىتىلىش ئۆمرى ئۇزۇن، توك سەرپىياتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئادەتتە بىر دانە 14 ۋاتلىق يالتىراق لامپىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى 75 ۋاتلىق چوغلانما لامپۇچكىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىگە توغرا كىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يالتىراق لامپىنى چوغلانما لامپۇچكىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەندە توك سەرپىياتىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. چوغلانما لامپۇچكىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە ئادەتتە كارىدور بىلەن تازىلىق ئۆيىگە قۇۋۋىتى كىچىك چوغلانما لامپۇچكىنى ئورۇنلاشتۇرسىلا بولىدۇ. تېلېۋىزور كۆرگەندە پەقەت بىر ۋاتلىق ئېنېرگىيە تېجەيدىغان يالتىراق لامپىنى ياندۇرۇپ قويسىلا ھەم توك تېجىگىلى ھەم كۆڭۈلدىكىدەك تېلېۋىزور كۆرۈش ئۈنىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، شۇنىڭدەك كەچتە ئۇخلاش ۋاختىدا چىراق ئۆچۈرۈش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
2.تېلېۋىزوردىن توك تېجەش: تېلېۋىزورنىڭ ئەڭ يورۇق ھالىتى سەرپ قىلىدىغان توك سەرپىياتى ئادەتتە ئەڭ غۇۋا ھالىتىگە قارىغاندا %60~%50كىچە كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاۋازىنى قانچىكى يۇقىرى ئاچقاندا سەرپ قىلىدىغان توك سەرپىياتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تېلېۋىزور كۆرگەندە يورۇقلۇق دەرىجىسى بىلەن ئاۋازىنى ئەڭ مۇۋاپىق ھالەتكە تەڭشەش، بەك يورۇق ياكى ئاۋازىنى بەك يۇقىرى قىلىۋالماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئېنېرگىيە تېجىگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېلېۋىزورنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمىرىنىمۇ ئۇزارتقىلى بولىدۇ. بەزى تېلېۋىزورلارنى توك مەنبەسىگە ئۇلىغاندىن كېيىنلا تېلېۋىزورنىڭ تەسۋىر كۆرسەتكۈچ لامپىسى ئاۋال قىزىپ، 8~6 ۋاتقىچە توك سەرپ قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تېلېۋىزورنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى تېلېۋىزورنى توك مەنبەسىدىن ئايرىۋېتىش كېرەك.
3.توڭلاتقۇدىن توك تېجەش: توڭلاتقۇنى ئەڭ ياخشىسى سالقىن ھەم ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئورۇنغا قويۇش، ھەرگىزمۇ ئىسسىقلىق مەنبەسىگە يېقىن ئورۇنغا قويماسلىق كېرەك. مۇنداق قىلغاندا رادىئاتورنىڭ (ئىسسىقلىق تارقىتىش ياپراقچىسى) ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنىمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئامال بار توڭلاتقۇنى ئېچىش قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى ئازايتىش، توڭلاتقۇنىڭ ئىچىگە يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ سېلىۋالماي، يېمەكلىكلەر ئارىسىدا بەلگىلىك ئارلىق قويۇپ، سوغۇق ھاۋانىڭ راۋان ئۆتۈشۈپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىشلەتمەكچى بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاۋال سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىدە ئاستا ئاستا ئېرىتىۋېلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا سوغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى ھەم ئېنېرگىيە تېجەپ، توك سەرپىيات مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
4. كىرئالغۇدىن توك تېجەش: كىرئالغۇنىڭ توك سەرپىياتى ماتورنىڭ بەلگىلەنگەن قۇۋۋىتى بىلەن ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئادەتتە ماتورنىڭ قۇۋۋىتى تۇراقلىق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىر يۇيۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئازايتقان ۋاقىتتا توك سەرپىياتىنى ئۈنۈملۈك تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. يۇيۇش ۋاقتىنىڭ قانچىلىك بولىشى ئادەتتە كىيىمنىڭ تۈرى بىلەن كىيىمنىڭ كىرلىك دەرىجىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يىپەك كىيىملەرنى يۇيۇش ۋاقتى قىسقىراق، پاختا تالالىق كىيىملەرنى يۇيۇش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇنراق بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. كىرئالغۇنى چايقىغان ۋاقىتتا ئاۋال كىيىمدىكى سوپۇن سۈيى ياكى كىر يۇيۇش پاراشۇكى مازغاپلىرىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىپ ئاندىن چايقىسا، ھەم توك تېجىگىلى ھەم كىرئالغۇنى چايقاش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، توك تېجەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
5. شامالدۇرغۇچتىن توك تېجەش: ئادەتتە قانىتى چوڭ شامالدۇرغۇچنىڭ قۇۋۋىتىمۇ چوڭ بولغاچقا، توك سەرپىياتىمۇ چوڭراق بولىدۇ. ئوخشاش بىر خىل شامالدۇرغۇچقا نىسبەتەن ئەڭ تېز ئايلىنىش ھالىتى بىلەن ئەڭ ئاستا ئايلىنىش ھالىتى ئارىسىدىكى توك سەرپىيات پەرقى ئادەتتە %40 ئەتراپىدا بولۇپ، بىر سائەت تېز ئايلانغاندىكى توك سەرپىياتى ئادەتتە ئىككى سائەت ئاستا ئايلانغان ۋاقىتتىكى توك سەرپىياتىغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شامالدۇرغۇچنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنىڭ تېز-ئاستىلىقى شامالدۇرغۇچنىڭ توك سەرپىيات مىقدارىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش