تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 27|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قەغەز پۇلنى ئىجاد قىلغان دۆلەت جۇڭگو نەق پۇل ئىشلىتىشنى باشلامچىل...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
قەغەز پۇلنى ئىجاد قىلغان دۆلەت جۇڭگو نەق پۇل ئىشلىتىشنى باشلامچىلىق بىلەن توختىتىدۇ


20170725201448488.jpg

چەتئەل تاراتقۇسى geo.tvنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو دۇنيادا قەغەز پۇلنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكەن دۆلەت ئىكەن، لېكىن نەچچە ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنگە كەلگەندە كۆچمە ھەق تۆلەشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم تەھلىلچىلەر جۇڭگو نەق پۇل ئىشلىتىشنى تۇنجى بولۇپ توختاتقان دۆلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىنلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
ھەممىلا يەرنى قاپلىغان كۆچمە ھەق تۆلەش
بارغانسېرى كۆپ جۇڭگولۇق ئىستېمالچى قەھۋەدىن باشلاپ تىل دەرسى ياكى گاز ھەققىگىچە بولغان بارلىق ئىستېمالدا پۇل تۆلەشكە نەق پۇل چىقارماستىن، بەلكى ئادەت خاراكتېردە يانفوننى چىقىرىدىغان بولدى. كۆكتات سېتىۋېلىۋاتقان ياڭ ئەپەندى: «نەق پۇل بولغان تەقدىردىمۇ كۆپلىگەن خالتىلارنى كۆتۈرۈۋالغان چېغىمدا قولايسىز بولۇپ قالىدىكەن» دېدى.
ئەيرۈي مەسلىھەتچىلىكىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، جۇڭگودا يانفوندىكى ئۈچىنچى تەرەپتە ھەق تۆلىگەن تاۋارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئېشىپ، 38 تىرىليون يۈەن (تەخمىنەن 5 تىرىليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى)گە يەتكەن.
جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلاردا توردىن مال سېتىۋېلىش ئادىتى شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ جۇڭگونىڭ تېزلىكتە كېڭەيگەن تور سودىسى بازىرى نەق پۇلسىز تۈزۈمنىڭ ئېشىشىنى قوللىغان.
قولايلىق كۆچمە ھەق تۆلەش
جۇڭگو بازار تەتقىقات گۇرۇھىنىڭ باش نازارەتچىسى BenCavender: «مېنىڭچە، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئون يىلدا تۇنجى ياكى ئالدىنقى قاتاردىكى نەق پۇلسىز جەمئىيەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىدا مۇمكىنچىلىك بار» دېدى. ئۇنىڭ يەنە مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگونىڭ يانفوندا ھەق تۆلەش بازىرى ئامېرىكىنىڭ 40~50 ھەسسىسىگە تەڭلەشكەن.
بېيجىڭدا يانفوندا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان تاۋار ياكى مەھسۇلاتنى تېپىش ئىنتايىن تەس.
پايتەختتىكى بىر قىسىم تاماقخانىلار ئەمدى نەق پۇل ئالمايدۇ، تاكسى،كوچا بېشىدىكى يېمەكلىك ھارۋىسى ۋە ساتىراچخانىلارمۇ دائىم كۆچمە ھەق تۆلەش تەمىنلەيدۇ.
ب د ت «نەق پۇل ئىتتىپاقى» تەشكىلاتى 4-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆچمە ھەق تۆلەش 2015-يىلى پارچە سېتىش ھەق تۆلەش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %8ىنى ئىگىلىگەن، 2020-يىلى %12كە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. نەق پۇلنىڭ كۆپلىگەن بازار ئۈلۈشىنى كۆچمە ھەق تۆلەش ئىگىلىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن نەق پۇل يەنىلا جۇڭگونىڭ ئاساسلىق ھەق تۆلەش شەكلى. بۇ دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا پارچە سېتىشتا تۆلەنگەن نەق پۇلنىڭ نىسبىتى %30كە تۆۋەنلەيدىكەن، 2010-يىلى %61 ئىكەن.
كۆچمە ھەق تۆلەشنىڭ ئەڭ چوڭ جەلپكارلىقى قولايلىقلىقىدا. كۆچمە ھەق تۆلەش كىشىلەرنىڭ يېنىدا نەق پۇل ئالماي ياكى ئىنتايىن ئاز ئېلىپلا دۇكانلارنىڭ سېتىش نۇقتا تېرمىنال سانى چەكلىك بولۇشتىن پەيدا بولغان بانكا كارتىسى ياكى ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىشى رەت قىلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.
eMarketerنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى MartinUtrerasنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ بانكا كارتىسى ئىشلىتىش تارىخى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى بانكا كارتىسىدىن كېيىنكى كۆچمە ھەق تۆلەش يېڭى تېخنىكىسىنى ئاسان قوبۇل قىلدۇرغىلى بولىدىكەن، لېكىن يەنە بىر قىسىم توپ «نەق پۇلسىز جەمئىيەت»نىڭ كېلىشىنى خالىماي كەلگەن، مەسىلەن ياشانغانلار.
كۆكتات بازىرىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ
بېيجىڭدىكى ئاسما كۆۋرۈكتە گۈل ساتىدىغان 63 ياشلىق سوڭ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ نەق پۇلنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن، لېكىن يانفوندا ھەق تۆلەشنىمۇ قوبۇل قىلغان، چۈنكى بىر قىسىم خېرىدارلار يېنىدا نەق پۇل ئالمايدىكەن. «نەق پۇل ماڭا نىسبەتەن تېخىمۇ قولايلىق، چۈنكى قېرىدىم، كۆزۈم ياخشى كۆرمەيدۇ.»
ھەق تۆلەش تەمىنلەش كارخانىسى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كەسپىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالچىلار ۋە سودىغا ئىناۋەت باھا نومۇرى، قىسقا مەزگىللىك قەرز، ھەتتا مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى تەمىنلىمەكتە. چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ئىستېمالنى كېڭەيتىش ۋە ئاددى خەلقنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش سىياسىتىگە ماس كېلىدىكەن.
ئەلى بابا ۋە تېڭشۈنمۇ چەتئەل بازىرى ۋە يوللارنى ئاكتىپ ئورۇنلاشتۇرماقتا، ھازىر ئۇلارنىڭ نىشانى جۇڭگو ساياھەتچىلىرى ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن كۆچمە ھەق تۆلەش بازىرى. 7-ئاينىڭ بېشىدا تېڭشۈن گېرمانىيە ھەق تۆلەش شىركىتى Wirecard بىلەن ھەمكارلىشىپ ياۋروپادا ئۈندىداردا ھەق تۆلەشنى يولغا قويدى.
لېكىن كۆچمە ھەق تۆلەشنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ بارغانسېرى دىققەتنى تارتتى، بولۇپمۇ يېقىندا جىنايەتچى ئۇنسۇرلار ساختا ئىككىلىك كودتىن پايدىلىنىپ شەخسىي ئۇچۇرلارنى ياكى ھېساباتتىكى پۇلنى ئوغرىلاش دېلولىرى كۆپ يۈز بەرگەن.
«نەق پۇل بىرلەشمىسى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆچمە ھەق تۆلەش يەنىلا «يېڭىلىق يارىتىش بىلەن نازارەتچىلىك ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋېتىپتۇ ھەمدە مالىيە خەتىرى ۋە ئالدامچىلىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىۋېتىپتۇ.
Cavenderنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمە ھەق تۆلەشنى ئاستىلىش مايىللىقى كۆرۈلمىگەن، بۇ بىر چوڭ يۈزلىنىش ئىكەن.  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش