تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 35|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دۆلەت تۈرلۈك قەرزلەرنى قايتۇرمىغانلارنى مەخسۇس تۈزەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

654

تېما

681

يازما

2617

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2617
دۆلەت تۈرلۈك قەرزلەرنى قايتۇرمىغانلارنى مەخسۇس تۈزەيدۇ


لېشىنىڭ ھېكايىسى تېخى توختاپ قالغىنى يوق. لېشى بىناسىنىڭ زالىغا قەرز سۈيلەپ كەلگەنلەر تولۇپ كەتتى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، لېشى تورىنىڭ 2017-يىلى 2-قېتىملىق ۋاقىتلىق پايچىكلار يىغىنى نەق مەيدانىدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر چىڭ يېپىقلىق يىغىن زالى ئىشىكىنى ئۇرۇپ: «جيا يۆتىڭ، پۇلنى قايتۇر، لېشى، پۇلنى قايتۇر» دېگەن. سىچۈەن چېڭدۇلۇق بۇ ئېلان شىركىتىنىڭ غوجايىنى لېشىغا جەمئىي 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قەرز بەرگەن، لېشىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دۇكان قۇرۇلۇشى تەمىنلەش سودىگەرلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ قەرز بولغىنى. پۈتۈن مەملىكەتكە قاراپ باقساق لېشىدەك قەرزنى قايتۇرمىغان سودىگەرلەر ئاز ئەمەس. قەرزنى قايتۇرمىسا قانداق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇششۇقلارنىڭ «مەخسۇس رەڭلىك قوڭغۇرىقى» بار بولدى، باشقىلارنىڭ سىزگە قەرز بولغان پۇلنى قايتۇرماسلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدىغان يەنە قانداق ئاماللار بار؟

لېشىنىڭ قەرز بولغانلىق ئۇچۇرىغا نىسبەتەن لېشى بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرىنىڭ زىددىيىتى ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقىنى ھەر كۈنى كۆرىمىز. ئۇنىڭ ئىچىدە لېشى كۆچمە ئەقلىي ئۇچۇر تېخنىكىسى 20 تەمىنلىگۈچى كارخانىغا جەمئىي 33 مىليون 310 مىڭ يۈەن قەرز، كۆپ قېتىم ۋەدە بەرگەن، لېكىن ۋەدىگە ۋاپا قىلمىغان.
خەيديەن سوت مەھكىمىسى ئورگان تورى بۈگۈن يەنە ئۇچۇر ئېلان قىلدى، بېيجىڭ ئاڭرەن زامانىۋى ئېلان چەكلىك شىركىتى لېشى تورى ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنى ۋىدىيو ئېلانى ھەققىنى تۆلىمىدى دەپ قارىغانلىقتىن سوتقا ئەرز قىلىپ ئېلان ھەققى ۋە قەرزنى ۋاقتىدان قايتۇرماسلىق ھەققىگە جەمئىي بىر مىليون 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تۆلەشنى تەلەپ قىلغان، خەيديەن سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قوبۇل قىلغان.

يېقىندا خۇبېي خۇاڭشى، خېنەن دېڭفېڭ قاتارلىقلاردىكى كۆپلىگەن يەرلىك سوت مەھكىمىسى «ئۇششۇق»لارنى تۈزەيدىغان يېڭى تەدبىر چىقاردى، ئىناۋەتنى يوقاتقان جاۋابكارلار ئۈچۈن يانفون رەڭلىك قوڭغۇراق مۇلازىمىتى بېكىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەرزنى بالدۇرراق تۆلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. «ئۇششۇق»لاردا بۇ «مەخسۇس رەڭلىك قوڭغۇراق» ئېچىلغاندىن كېيىن ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسا مۇنداق ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ: «سىز تېلېفون ئۇرغان ئابۇنت سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىناۋەتنى يوقاتقان جاۋابكارلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، باردى-كەلدى قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ ھەم ئۇنىڭ قانۇن ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن مەجبۇرىيىتىنى تېزرەك ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىڭ.»
بۇنداق تەدبىر ھوقۇققا دەخلى قىلمىغان، قانۇن خىلاپ ئەمەس. 2013-يىلى ئالىي سوت مەھكىمىسى «ئىناۋەتنى يوقاتقان جاۋابكارلار تىزىملىكى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشقا ئائىت بىر قانچە بەلگىلىمە» ئېلان قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەر جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىناۋەتنى يوقاتقان جاۋابكارلار تىزىملىكىنى گېزىت، رادىيو، تېلېۋىزور، تور، سوت مەھكىمىسى ئېلان تاختىسى قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئېلان قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن.
ئىناۋەتنى يوقاتقان جاۋابكارلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا بەلگىلىمە رۇخسەت قىلغانىكەن، ئەلۋەتتە، ئىناۋەتنى يوقاتقان جاۋابكارلار بىلەن ئۇچۇر ئالاقىسى بار، قويۇق باردى-كەلدى قىلىدىغان ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۆپلىگەن قەرزداردا تەلەي سىناش پىسخىكىسى بولىدۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشىدىن ئالدىنئالا قۇتۇلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، 2016-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى تور ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق قانۇن ھۆججەتلىرىنى يوللاش، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش، توڭلىتىش، تۇتۇپ قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تالونلىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.
يەنى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى سوتچى مائۇسنى چېكىپ قويسىلا جاۋابكارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 4 مىڭدىن ئارتۇق بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئورگىنىدىكى پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەكشۈرەلەيدۇ، توڭلىتالايدۇ، تۇتۇپ قالالايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قانۇندا يەنە جاۋابكار ئېلىشقا تېگىشلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى جاۋابكارنىڭ ئۈچىنچى بىرسىدىكى مۇقىم كىرىمى دەپ قارىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت كاپىتالى دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى، «خ ج خ ھەق تەلەپ ئەرزىيەت قانۇنى»نىڭ 243-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ توڭلىتىش، تۇتۇپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەنگەن. لېكىن توڭلىتىش، تۇتۇپ قىلىشتىن بۇرۇن جاۋابكار ۋە ئۇ باقىدىغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش خىراجىتى قالدۇرۇپ قويۇلۇشى كېرەك.

ئۇششۇقلار ئەمدى «ئېسىل تۇرمۇش»تىن بەھرىمان بولالمامدۇ؟
ئەمەلىيەتتە دۆلەت بۇرۇنلا ئۇششۇقلارنىڭ بىر قىسىم قىلمىشلىرىغا چەكلىمە قويغان، مەسىلەن قاتناش قوراللىرىغا چىققاندا ئايروپىلان، پويىزنىڭ يۇمشاق كارىۋىتى، پاراخوتنىڭ ئىككىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى ئورنىنى تاللىيالمايدۇ، يۇلتۇز دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مېھمانخانا، كەچلىك كۇلۇب، گولف توپ مەيدانى قاتارلىق سورۇنلاردا يۇقىرى سوممىدا ئىستېمال قىلالمايدۇ، يۇقىرى سوممىلىق سۇغۇرتا ھەققى تۆلەپ بايلىق باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالمايدۇ، ھەتتا پەرزەنتلىرى يۇقىرى خىراجەتلىك خۇسۇسىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالمايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇقىم مۈلۈك سېتىۋالغان ۋە ئالىي دەرىجىدە بېزەتكەندە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، تىجارەتكە ئىشلىتىلمەيدىغان ئاپتوموبىل سېتىۋالالمايدۇ. بۇ يىل 6-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتتە 7 مىليون 610 مىڭ ئۇششۇق ئېلان قىلىندى، 7 مىليون 330 مىڭ ئادەمنىڭ ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشىغا چەك قويۇلدى، 2 مىليون 760 مىڭ ئادەمنىڭ پويىز يۇمشاق كارىۋاتلىق ئورنى، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېلېكتىروۋوز بېلىتى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشىغا چەك قويۇلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇششۇقلار يەنە غوجايىن، باش مۇدىرى، نازارەتچى، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولسا بولمايدۇ. بەلگىلىمە بويىچە 2015-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى بار، لېكىن قەرزنىڭ ھەممىنى ياكى قىسمەن قايتۇرۇشنى رەت قىلغان، ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىناۋەتنى يوقاتقان جاۋابكارلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تەبىئىي ئادەملەر ئىناۋەت جازاسىغا ئۇچرايدۇ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ھېچقانداق شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى، باش مۇدىرى، نازارەتچىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولالمايدۇ.

ئۇششۇقنىڭ بىرلا يۈرۈش ئۆيى بولسا سوت مەھكىمىسى ئۇنى بىر تەرەپ قىلامدۇ؟
پەقەت بىرلا يۈرۈش ئۆيى بولۇش ئۇششۇقنىڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلدۇرۇشىدىن قۇتۇلىدىغان ئاساسى بولالمايدۇ. 2015-يىلى ئالىي سوت مەھكىمىسى «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرى ئىجراسىدا كاپىتالنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىشىغا ئالاقىدار بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدىكى بىر ماددىدا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچى ۋە ئۇ باقىدىغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياشاشتا تۇرىدىغان ئۆينى پىچەتلىسە بولىدۇ، لېكىن سېتىشقا ياكى قەرزگە تۇتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇ بەلگىلىمە چىققاندىن كېيىن بىر قىسىملار بۇنى جاۋابكارنىڭ بىردىنبىر ئۆيىنى ئىجرا قىلدۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ناچار قەرزدارلار ئۆزىنىڭ نامىدا بىرلا يۈرۈش ئۆي بولسا بۇ ئۆينى سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلدۇرمامدۇ، بىخەتەر بولامدۇ، دەپ قارىدى، جاۋابى ئۇنداق ئەمەس.

بەلگىلىمە بويىچە بىردىنبىر ئۆي تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئەھۋالدا كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ:
1.جاۋابكار باقىدىغان ئادەمنىڭ نامىدا تۇرمۇشىنى قامدىيالايدىغان باشقا زۆرۈر ئۆي بار بولسا.
2.ئىجرا قىلىش پاكىتى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن جاۋابكار قەرزدىن قېچىپ نامىدىكى باشقا ئۆيلەرنى سېتىۋەتكەن بولسا.
3 . ئىجرا قىلىشنى ئىلىتماس قىلغۇچى يەرلىكتىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي كاپالەت كۆلىمى ئۆلچىمى بويىچە جاۋابكار ۋە ئۇ باقىدىغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تۇرالغۇ ئۆي تەمىنلىگەن ياكى يەرلىك ئۆي ئىجارە بازىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىجارە ھەققى ئۆلچىمى بويىچە 5~8 يىللىق ئىجارە پۇلىنى تەمىنلىگەن بولسا.
مەسىلەن، جاۋابكار 50 ياش، ئۇنىڭ پەرزەنتى 25 ياش ۋە ئۆيى بار بولسا جاۋابكارنىڭ بىرلا يۈرۈش ئۆيى بولسىمۇ، يەنىلا ئىجرا قىلدۇرۇشقا بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ نامىدا 100 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆي بولسا ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇسى ئەرزان ئىجارە ئۆي ئۆلچىمى بويىچە جاۋابكارغا بىر يۈرۈش كىچىكرەك ئۆي تەمىنلەپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدىسا، ئۇنداقتا جاۋابكارنىڭ نامىدىكى 100 كىۋادراتلىق ئۆينى ئىجرا قىلدۇرۇشقا بولىدۇ. ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە ئىجارە ئۆي باھاسى بويىچە جاۋابكارغا 5~8 يىللىق ئىجارە ھەققىنى تەمىنلىسە ئۇنداقتا جاۋابكارنىڭ نامىدىكى 100 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆينى ئىجرا قىلدۇرۇشقا بولىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش