تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 44|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئېلىمىزدە پۇت تىرەپ تۇرالماي يوقاپ كەتكەن خەلقئارالىق مەشھۇر 6 ما...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

661

تېما

688

يازما

2646

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2646
ۋاقتى: 2017-10-18 19:29:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئېلىمىزدە پۇت تىرەپ تۇرالماي يوقاپ كەتكەن خەلقئارالىق مەشھۇر 6 ماركا


20171012215227507.jpg

پاناسونىك (Panasonic). پاناسونىك ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى 1918-يىلى قۇرۇلغان، قۇرغۇچىسى «سودا ئەۋلىياسى» دەپ تەرىپلەنگەن كونوسۇكې ماتسۇشىتا (Konosuke Matsushita) ئەپەندى. شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا پەقەت ئۈچلا ئادەم ئىشلەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى كېيىن SANYO شىركىتىنى قۇرغان. نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، بۈگۈنكى كۈندە پاناسونىك شىركىتى دۇنياغا داڭلىق خەلقئارالاشقان ئۇنىۋېرسال ئېلېكترون تېخنىكىسى كارخانا گوروھىغا ئايلاندى. 1978-يىلى پاناسونىك ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن تۇنجى چەتئەل مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان شىركەتكە ئايلانغان. ئەمما 2015-يىلىغا كەلگەندە، پاناسونىك (جۇڭگو) جۇڭگو رايونىدىكى تېلېۋىزور ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇردى.
20171012215234735.jpg

گۇگول (Google). گۇگول شىركىتى ئەينى ۋاقىتتا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سانائەت پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان لارري پېيچ (Larry Page) ۋە سېرگېي برىن (Sergey Brin) تەرىپىدىن بىرلىكتە قۇرۇلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككەيلەن ھازىر «Google Guys» دەپ ئاتىلىدۇ. گۇگول پۈتۈن يەر شارىدىكى ئۇچۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسى قىلغان، دۇنيادىكى ھەممە ئادەم زىيارەت قىلىپ، مەنپەئەت ئالالايدىغان تور بېكەتكە ئايلىنىشنى نىشانلىغان. گۇگول يەنە دۇنيادىكى تۇنجى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىنغان ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدىكى ئابۇنت سانىنىڭ چېكى يوق. 2006-يىل 4-ئايلاردا جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى گۇگول شىركىتى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىدىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى.
20171012215244803.jpg

موتورولا (Motorola) شىركىتى 1928-يىلى قۇرۇلغان، «بايلىق» ژورنىلى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك شىركەتنىڭ بىرى، دۇنيا مىقياسىدا ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېلېكترون ئالاقە كەسپىنىڭ باشلامچىسى. موتورولا شىركىتى قارمىقىدا ئۈچ چوڭ كەسپى گوروھ بار، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا كارخانا كۆچمە لايىھە تارمىقى، كەڭ بەلباغلىق ۋە كۆچمە تور كەسپى تارمىقى ۋە كۆچمە تېرمىنال كەسپى تارمىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. موتورولا شىركىتى 1987-يىلى جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن. ئالما شىركىتىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، 2014-يىلى لىيەنشىياڭ گوروھى 2.9 مىليار دوللار مەبلەغ چىقىرىپ موتورولانى ئۆزىگە قوشۇۋالدى.
20171012215254588.jpg

سېمېنس (SIEMENS). گېرمانىيە سېمېنس پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى دۇنيا ئېلېكترون ۋە ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، 1847-يىلى قۇرۇلغان، ئاساسلىق كەسپى سانائەت، ئېنېرگىيە، داۋالاش، ئاساس ئەسلىھە ۋە شەھەر قاتارلىق تۆت چوڭ ساھەگە مەركەزلەشكەن. گېرمانىيە سېمېنس خەۋەرلىشىش گوروھى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شۇنداقلا ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان تېلېگراف كارخانىسىنىڭ بىرى، بىر مەھەل جاھان سورىغان بۇ شىركەت ئاخىرىدا سالپايغان ھالەتتە يانفون بازىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. BenQ شىركىتى سېمېنسنىڭ يانفون شىركىتىگە مەبلەغ سېلىشنى خالىمىغانلىقتىن ھەمدە قەرزنى ئۈزۈشكە ئامالسىز بولغانلىقتىن، سېمېنس ئاخىرى يانفون كەسپىدىن ۋاز كەچتى.
20171012215313122.jpg

سونىي ئېرىكسون (Ericsson). سونىي ۋە شۋېيتسارىيە ئېرىكسون شىركىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %50 مەبلەغ چىقىرىپ 2001-يىلى 10-ئايدا قۇرغان. سونىي ئېرىكسون شىركىتى يانفون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئىلگىرى دۆلىتىمىزدە زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئەمما يانفون كەسپىدىكى رىقابەت ناھايىتى كەسكىن بولغانلىقتىن، سونىي ئېرىكسون ئاخىرى سونىي شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئىشلەپچىقىرىلغان يانفونلىرىنىڭ ماركا بەلگىسى «SONY» غا ئۆزگەرتىلدى، ئەمما سونىي  يانفونلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىنى ئىگەللىمىكى بارا-بارا تەسكە چۈشتى، ھەتتا جۇڭگودىكى سونىينىڭ باش ئىشتاب بىناسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئاخىرى «ۋەيران بولغانلىق» خەۋىرى تارقالدى.
20171012215329708.jpg

رېۋلون (Revlon). ئامېرىكىدىكى بىر گىرىم بۇيۇملىرى شىركىتى، شۇنداقلا Revlon شىركىتىنىڭ ماركىسى. بۇلار ئالاھىدە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغان، يەنى رەڭنى بوياق ماتىرىيالىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ناھايىتى كۆركەم تىرناق مىيى ئىشلەپچىقارغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان خىلمۇ-خىل رەڭلەرنى قوشقان. بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كەشپىيات بازاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، نۇرغۇنلىغان خانىم-قىزلارغا گۈزەللىك ۋە ھەيرانلىق تۇيغۇلىرىنى بېغىشلىغان. رېۋلون گەرچە جۇڭگو بازىرىدا ئۇزۇن مۇددەت تەرەققىي قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىدىكى سودىسى ئەڭ كاسات ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭگو بازىرىدىن چېكىنىپ چىقتى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش