تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يانفون ساھەسىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ماركا OPPO بىلەن vivo

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

661

تېما

688

يازما

2646

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2646
ۋاقتى: 2017-10-18 19:32:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يانفون ساھەسىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ماركا OPPO بىلەن vivo


كۆچمە ئىنتېرنېتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىغا ئەگىشىپ، ئەقلىي يانفون تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. ئەقلىيفون دېگەن ئۇقۇمنى دەسلەپتە نوكيا بىزگە ئېلىپ كىردى، كېيىن دۆلىتىمىز يانفۇن ماركىلىرىدىن مېيزۇ تۇنجى بولۇپ ئاندىروئىد يانفونىنى ئىشلەپ بازارغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەقلىي يانفون قىزغىنلىقى قوزغالدى. شياۋمى يانفونى بازارغا سېلىنغاندا بۇ بازار تازا ئەۋجىگە چىقتى.
دۆلىتىمىز ئەقلىي يانفونلىرى بىر مەزگىل ئالما، سامسۇڭ، شياۋمى قاتارلىقلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولدى. ئەڭ بۇرۇن ئاندىروئىد يانفۇننى بازارغا سالغان مېيزۇمۇ بىز مەزگىل پەسكويغا چۈشۈپ قالدى. كېيىن ئالى بابا گۇرۇھىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك مەبلىغىگە ئېرىشىشى ۋە شىركەت قۇرغۇچىسى خۇاڭ جاڭنىڭ قايتىدىن شىركەتنى قولغا ئېلىشى بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. جۇڭگونىڭ ئالاقە ئۈسكىنىلىرى ياساش شىركىتى بولغان خۇاۋېيمۇ بۇساھەگە قولىنى تىقىپ ناھايىتى تېزلا شياۋمى بىلەن سامسۇڭدىن ئېشىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەقلىي يانفوننى سېتىپ چىقىرىشتا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.
مېيزۇ، شياۋمى، خۇاۋېي، جوڭشىڭ، 360 چىكۇ، جىنلى قاتارلىق دۆلىتىمىز ماركىلىرى ھە دەپ بىر بىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان چاغدا، تۇيۇقسىزلا ئىككى يانفون ماركىسى پەيدا بولدى ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ كىچىك شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىي دۇكان ئېچىپ، ھەممە يەرنى قاپلىدى. ھەتتا بەزى رايونلاردىكى يانفون بازارلىرىدىكى %60 كۆپ يانفون سېتىش دۇكىنىنىڭ ۋىۋىسكىسى بۇ ئىككى ماركىنى ئاستى. يىللىق سېتىلىش مىقدارى «رىۋايەت» تۈسىنى ئالغان شيامىنى خېلى كەينىگە تاشلىۋەتتى. بۇ ئىككى ماركىنى بىلىپ بولدىڭىزغۇ دەيمەن، بۇ دەل سىز ئويلىغان OPPO بىلەن vivo.
بۇ ئىككى يانفۇن ماركىسى نېمىشقا بۇنداق ئالقىشقا ئېرىشىدۇ؟ ئەجىبا ئۈچ خەۋەرلىشىش شىركىتىنى قولغا كەلتۈرگەن جوڭشىڭ، تور ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن «رىۋايەت» شيامى، خەلقئارالىق چوڭ ماركا سامسۇڭ، ھەممە كىشىنىڭ ئارزۇسىدىكى يانفون ئالما قاتارلىقلارنىمۇ كەينىدە تاشلىۋېتەلىگەن بۇ ئىككى قوشماق ماركا OPPO بىلەن vivoنىڭ كەينىگە قانداق سىر يوشۇرۇنغان؟ بىز بۈگۈن مۇشۇ ئىككى ماركا ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزەيلى:
بىز بۇ ئىككى ماركا ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن بۇلارنىڭ ئانا شىركىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
ۋىۋو بىلەن ئوپپو بولسا دۆلىتىمىز ئېلىكترونلۇق بۇيۇملار ساھەسىدىكى كونا ماركا بۇبۇگاۋ شىركىتى.

بۇبۇگاۋ گورۇھى 1995-يىلى دۈەن يوڭپىڭ تەرىپىدىن دوڭگۈەندە قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى VCD ،DVD، ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى ئىشلەش ۋە سېتىشنى ئاساس قىلىدۇ.
1999-يىلىغا كەلگەندە، گۇرۇھنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى، مۇدرىيەت قاتلىمىدا ئۆزگىرىش قىلىپ، گۇرۇھنى پارچىلاپ ئۈچ ئايرىم شىركەت قىلىشنى قارار قىلىدۇ. بۇ ئۈچ شىركەت بولسا تۆەندىكىلەر:
1.بۇبۇگاۋ ئالاقە ئۈسكىنىلىرى تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئاساسلىقى سىمسز مۇقىم تېلېفون، سىملىق مۇقىم تىلفون، كارتىلىق ئاممىۋى تېلېفون قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
2.بۇبۇگاۋ مائارىپ ئېلېكترونلۇق ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى، ئاساسلىقى قايتىلانما ئوقۇغۇچ، ئېلىكترونلۇق لۇغەت، كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى ئىشلەش ۋە سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
3.بۇبۇگاۋ ئېلىكترونلۇق ئۈسكىنىلەر چەكلىك شىركىتى، ئاساسلىقى VCD ،DVD قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى ئاساس قىلىدۇ.
شۇنىڭدىن بېرى، بۇرۇنقى بۇبۇگاۋ گۇرۇھى تارىخ سەھنىسىدىن ئۆچۈپ، ئۈچ مۇستەقىل شىركەت بولدى. بۇ شىركەتلەرنىڭ پايچېك قۇرۇلمىسى جەھەتتە ھېچقاندان باغلىنىشلىقى يوق بولۇپ، پەقەت شىركەت مەسئۇللىرى (دۈەن يوڭپىڭ، شېن ۋېي، خۇاڭ يىخې، چېن يوڭمىڭ) قاتارلىقلارنىڭ ئۈچىلا شىركەتتە پاي ھوقۇقى بار ئىدى. ھەمدە دەسلەپتە بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى بۇبۇگاۋ گۇرۇھىنىڭ سېتىش يوللىرىنى ئۈچ شىركەت تەڭ پايدىلاندى، كېيىن ئاستا-ئاستا سېتىش يولى، ۋاكالەتچى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا بىر-بىرىگە تايانمايدىغان بولدى.
ئوپپو ماركىسى 2001-يىلى چېن يوڭمىڭنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ شىركەت بىرلىكتە مەبلەغ سېلىپ رويخەتكە ئالدۇرغان ھەمدە تەتقىقات بازىسى قۇرغان، نىشانى كۆچمە ئالاقە ئۈسكىنى (يانفون) ئىشلەپچىقىرىش. 2002-يىلىغا كەلگەندە چېن يوڭمىڭ مەسئۇل بولغان VCD ،DVD تۈرىدە ھەرخىل قىيىنچىلىقلار تۇغۇلغان، بولۇپمۇ پاتېنت جەھەتتە كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ، بۇ تۈردىن ۋاز كەچكەن ھەمدە گۇاڭدۇڭ ئوپپو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنى قۇرغان ھەمدە باشقا ئىككى شىركەتنىڭ قولىدىن ئوپپوغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق پاتېنت، تېخنىكا، ماركا قاتارلىقلارنى سېتىۋالغان، كونا شىركەتتىكى 300گە يېقىن خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى ئوپپوغا كېلىپ خىزمەت قىلغان.
ۋىۋو بولسا بۇبۇگاۋ ئالاقە ئۈسكىنىلىرى تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قارمىقىدىكى ماركا بولۇپ، 2011-يىلى بازارغا سالغان يېڭى ماركا.
ۋىۋو بىلەن ئوپپو گەرچە ئايرىم شىركەت بولسىمۇ، ئىككىلىسى بۇرۇنقى بۇبۇگاۋ گۇرۇھىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەمدە ئىككىلىسىنىڭ مەلۇم مىقداردا پايچېكى بۇبۇگاۋ شىركىتنىڭ قۇرغۇچىسى دۈەن يوڭپىڭنىڭ قولىدا بولغاچقا، شۇڭا بۇلارنى ئادەتتە OV فرونتى دەپ ئاتىشىدۇ (ئىچكى خەۋەرلەردىن بىلىشىمىزچە، ئىككىسى ئايرىم شىركەت بولسىمۇ، ئىشلەپچىقىرىش سېخى، تەتقىقات بازىسى قاتارلىقلارنى ئورتاق پايدىلىنىدىكەن).
ئەمدى ئەسلى گەپكە قايتىپ كېلىپ، OV فرونتىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇتۇق قازانغانلىقىنى تەھلىل قىلايلى:
1.ئوپپو خېرىدارلارنىڭ تېز توك قاچىلاشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغان
2016-يىلى 3-ئايدا OPPO R9 بازارغا سېلىنغان بولۇپ، 88 كۈنلۈك سېتىلىشى يەتتە مىليوندىن ئاشقان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر سېكۇنتتا بىر تال يانفون سېتىپ چىقارغان، شۇ چاغدىكى ئېلان سۆزى بولسا «بەش مىنۇت توك قاچىلىسىڭىز ئىككى سائەت سۆزلىشەلەيسىز».

ئەقلىي يانفوننىڭ توك ساقلاش ۋاقتى ئادەتتە بىر كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، بۇ تېخى ئىشلىتىش ۋاقتىنى كۆرسەتمەيدۇ. نۇرغۇن ئىستېمالچىلار يانفوننىڭ باتارېيە كۆرسەتكۈچى قىزارغاندىن باشلاپ ناھايىتى جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. توك ساقلاش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولىشى ئەقلىي يانفون ئابۇنتلىرىنىڭ ئازابىغا ئايلاندى. بۇنىڭغا قارىتا سامسۇڭ بىلەن ئالما پىسەنت قىلماسلىق پوزىتسىيەدە بولدى، خۇاۋېي باتارېينىڭ سىغمىنى چوڭايتىش ئۇسۇلىنى قوللاندى، ئوپپو بولسا تېز توك قاچىلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.
خۇاۋېينىڭ توك ساقلاش ۋاقتى ئوپپوغا قارىغاندا ئۇزۇن بولىدۇ، بىراق باتارېيەسىنىڭ سىغمى چوڭ بولغاچقا، توك قاچىلاش ۋاقتىمۇ نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى يانفوننىڭ ئىستىمالچىلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. خۇاۋېي يانفۇنىنى ئىشلىتىدىغانلار كۆپىنچىسى ئاق ياقىلىقلار ۋە سىرتتا خىزمەت قىلىدىغانلار. ئۇلارنىڭ يانفۇننى ئىشلىتىش ۋاقتى ۋە قېتىم سانى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا نىسبەتەن باتارېيە سىغمى يۇقىرى خۇاۋېي ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.
ئوپپونىڭ ئىستېمالچىلىرى بولسا ئاساسەن خىزمەت قىلمايدىغانلار ياكى ئۈندىدار سودىسى قىلىدىغانلار، بۇلارغا نىسبەتەن توكنى تېز قاچىلاش ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ ھەم ئوپپو بۇلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى باش قېتىنچىلىقىنى ھەل قىلغان. ئەمىلىيەتتە OPPO R9نىڭ توك ساقلاش ئىقتىدارى بۇرۇنقى يانفۇنلار بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش بولۇپ، بىراق تېز توك قاچىلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولغاچقا، OPPO R9نىڭ سېتىلىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.
2. OV فرونتى ئابۇنتلارنىڭ ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش تەلىپى كۈچلۈك بولۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان
OPPOنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، OPPO تۇنجى بولۇپ ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن يانفوننى بازارغا سالغان.
OPPO ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، 2012-يىلى تۇنجى ئەۋلاد ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن يانفون U701نى بازارغا سالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كامېراسى ئايلىنىدىغان چوڭ ئېكرانلىق يانفون N1نى بازارغا سالدى ھەمدە ئۈچ مىليون دانە سېتىشتەك ياخشى نەتىجىنى ياراتتى. 2013-يىلىغا كەلگەندە كېچىسى سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن يانفون R1نى بازارغا سېلىپ تۆت مىليون 600 مىڭلىق سېتىش نەتىجىىسىنى ياراتتى.
vivoمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئالدىنقى يىلى بازارغا سالغان X7/X7 Plus يانفونلىرىنىڭ ئالدى ئېكرانىغا 16 مىليون پىكسېللىق كامېرا ئورناتقان بولۇپ، ئۆزتارتىم ئىقتىدار يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئىككى ئايلىق سېتىش مىقدارى ئۈچ مىليوندىن ئاشقانىدى.
شياۋمى ۋە خۇاۋېي بولسا ئۆزتارتىم ئىقتىدارى بەك كۈچىمىگەن بولۇپ، ئوخشاش دەۋردە بازارغا سالغان يانفونلىرىنىڭ ئالدى كامېراسى ئوپپو بىلەن ۋىۋونىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدۇ. بۇمۇ ئوپپو بىلەن ۋىۋونىڭ تېز سۈرئەتتە بازار ئىگەللىشىدىكى بىر سەۋەب بولۇپ قالدى.

3. OV فرونتى ئابۇنتلارنىڭ يانفوننىڭ سىرتقى كۆرىنىشى مودا بولۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى
ھازىرقى دەۋرگە كەلگەندە، يانفون پەقەتلا سۆزلىشىش، تورغا چىقىش، كۆڭۈل ئېچىش قورالى بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە بىر زىننەت بۇيۇمى بولۇپ قالدى (بولۇپمۇ قىزلارغا نىسبەتەن). OV فرونتى ئابۇنتلارنىڭ بۇ تەرەپتىكى ئېھتياجىنى بايقىغاندىن كېيىن، سىرتقى كۆرىنىشى خەلقئارادا مودا لايىھەدىكى iPhoneغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان R9 يۈرۈشلۈكى ۋە ئوتتۇرا تۆۋەن ئىستېمال قاتلىمىدىكى ئىستېمالچىلارغا ماس كىلىدىغان A59 بىلەن A37نى بازارغا سالدى.
ۋىۋومۇ  X7/X7 Plusنى بازارغا سالدى، تاشقى قىياپىتى ھەم iPhoneغا ئوخىشىشىپ كېتىدىغان ھەم ئۆز تارتىم ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بۇ يانفونلار ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ زاڭلىق قىلىش ۋە تاراتقۇلارنى چەتكە قېقىشىغا، تەنقىدلىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئابۇنتلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش