تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 3|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دۆلىتىمىز دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن–تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

666

تېما

693

يازما

2667

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2667
دۆلىتىمىز دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن–تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. پەن – تېخنىكا مىنىستىرى ۋەن گاڭ 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكا خىزمىتى يىغىنىغا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئاساسلىق يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى سىجىل كۈچىيىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك، پۈتۈن گەۋدىلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىش ئىشقا ئېشىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا زور نەتىجىلەر مەيدانغا كەلدى، پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە كۈچىيىپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن – تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى.
  تۆمۈر ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال، كۆپ فوتونلۇق چىرمىشىش، كۋانت يۇلتۇزى بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش... ھازىر ئېلىمىز دۇنيا بويىچە يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئىلمىي ماقالىلىرىنى كۆپلەپ ئېلان قىلىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى: ئېلان قىلىنغان خەلقئارالىق پەن – تېخنىكا ئىلمىي ماقالە ئومۇمىي مىقدارى 2012 – يىلىدىكىدىن %70 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2 – ئورۇنغا ئۆتتى؛ خەلقئارالىق پەن – تېخنىكا ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ پايدىلىنىلىش، ئىشلىتىلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ھالقىپ، 2 – ئورۇنغا چىقتى. ھازىر دۇنيانىڭ ئىلىم – پەن تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشماقتا.
  پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017 – يىلى مەملىكەت بويىچە تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىياتى (R&D) چىقىمى 1 تىرىليون 760 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2012 – يىلىدىكىدىن %70.9 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ (R&D))چىقىمىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %2.15 بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ %2.1لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 2012 – يىلىدىكى %52.2تىن ھازىرقى %57.5كە يېتىپ، دۆلەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى رەت تەرتىپىدە 2012 – يىلىدىكى 20 – ئورۇندىن 17 – ئورۇنغا چىققان.
  ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەن گاڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ھوقۇق بېرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇندا، ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنت مىقدارى دۇنيا بويىچە 3 – ئورۇندا تۇرىدۇ، مەملىكەت بويىچە تېخنىكا توختامى سودا سوممىسى 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى. مەملىكەت بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 136 مىڭدىن ئاشتى، بۇ كارخانىلارنىڭ تەتقىقات – ئېچىش سېلىنمىسى مەملىكەتنىڭ% 50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 25مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىش ۋە ئۇنى ئاكتىپ يېتەكلەشتەك تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش