تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 489|ئىنكاس: 1
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

گىرمانلارنىڭ سودا قارىشى ( ياخشى ئەسەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

654

تېما

681

يازما

2617

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2617
گېرمانىيەلىك ھۈنەرۋەنلەر: مەھسۇلات ياخشى، باھاسى ئەرزان، دېگەنگە ئىشەنمەيمىز (ياخشى ئەسەر)

نۇر تورى تەرجىمىسى: گېرمانلارنىڭ سانائەتلىشىشكە يۈزلىنىشى ناھايىتى كېيىن باشلانغان بولۇپ، ئەنگىلىيە، فىرانسىيەلەر سانائەت ئىنقىلابىنى تاماملىغاندا گېرمانىيە تېخى بىر يېزا ئىگىلىك دۆلىتى ئىكەن. لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ پەقەت 80 مىليون ئاھالىگە ئىگە دۆلەتتە 2300 دىن ئارتۇق دۇنياغا داڭلىق ماركا بار بولۇپ، «گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن» دېيىلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ياخشى نامى زادى قانداق سەۋەبتىن پۈتۈن دۇنياغا تارالدى؟
رەسىم:
1.jpg

گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىرى
«گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن» دېيىلگەن مەھسۇلاتلار ئىلگىرى ھاقارەت تۈسىنى ئالغان بەلگە ئىكەن . گېرمانىيەلىكلەر سانائەتلەشتۈرۈلۈشكە يۈزلەنگەندىن كېيىن، ئۇلارمۇ «ئوخشىتىپ ياساش باسقۇچى»نى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئەنگىلىيە، فىرانسىيەلەردىن ئۆگەنكەن، باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغان، باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تەقلىد قىلىپ ئىشلىگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئەنگىلىيە پارلامېنتى ھەتتا 1887- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى «تاۋار ماركىسى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئەنگىلىيەگە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكە بازارلىرىغا كىرگەن گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا چوقۇم «گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن» دەپ ئېنىق ئەسكەرتىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان. شۇ چاغلاردا «Made in Germany» (گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن) دېگىنى ئەمەلىيەتتە بىر خىل ھاقارەت تۈسىنى ئالغان بەلگىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. گېرمانىيە سانائەتلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى بىر– بىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، گەرچە شۇ ۋاقىتتا «دۇنيانىڭ ئىلىم- پەن مەركىزى» گېرمانىيەدە بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىلىقلار ناھايىتى ئەقىللىق بولغاچقا، ئۇلار گېرمانىيەدە ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كونا ئۇسۇل بويىچە ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملاردا تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئالدىراپ كەتمەستىن، بەلكى بازارغا يۈزلىنىپ كارخانا قۇرۇشقا كىرىشكەن.
رەسىم:
2.jpg

19 - ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيەنىڭ ئالىملىرى ئامېرىكىغا بېرىپ كۆزەتكەندە، ئامېرىكىنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ پەن- تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش» پىرىنسىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئەمەلىي قوللىنىشچان پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. گېرمانىيەنىڭ ئاساسىي پەنلەردىكى ئاساسىمۇ ناھايىتى پۇختا بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن سانائەت ئەمەلىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تېپىپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئىچىدىلا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىملار قوشۇنى، ئىنژىنېرلار قوشۇنى ۋە تېخنىك ئىشچىلار قوشۇنىنى بىرلەشتۈرۈپ، «ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىللاشتۇرۇش ۋە ئېلېكترلەشتۈرۈش ئىنقىلابى» غا رەھبەرلىك قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنى ناھايىتى تېزلىكتە تەرەققىي قىلدۇرغان.
رەسىم
3.jpg

شۇنىڭدىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتر سايمانلىرى، فوتولوگىيە ساھەسىدىن تارتىپ، تاكى ئاشخانا بويۇملىرى، تەنتەربىيە بۇيۇملىرىغىچە ھەممىسى دۇنيادىكى سىناقلاردىن ئۆتكەن ئەڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا ئايلانغان ۋە «گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن»لىكنى سۈپەت بىلەن ئىناۋەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرغان. گېرمانىيەدىكى ئەڭ داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ھەممسىى ئەنە شۇ دەۋردە ئۆسۈپ يېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار قازانغان دۇنياۋى شۆھرەتلىرىنى بۈگۈنگە قەدەر ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. «كېيىنكى نام»نى بەكلا قەدىرلەيدۇ، «كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت»كە ئاچكۆزلۈك قىلمايدۇ گېرمانلار «يېڭىنى كۆرۈپ كونىدىن ۋاز كېچىدىغان» مىللەت ئەمەس، گېرمانىيەلىكلەر ئۆتمۈشى بار نەرسىلەرنى مەسىلەن: تارىخنى ۋە مەدەنىيەتنى ئەسلىتىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. گىرمانىيىلىك بىر پىروفېسسور بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ياغاچ ساندۇقنىڭ چوڭلۇقىدىكى ئېلېكتىرون لامپىلىق رادىئو بار بولۇپ، سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، ھازىرغىچە ئىشلىتىۋېتىپتۇ. بىرەيلەن ئۇنىڭدىن سىز يەنە مۇشۇنداق كونا نەرسىنى ئىشلىتەمسىز؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ شۇنداق، مەن ھەر قېتىم ئۇنى كۆرگەندە، بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى مۇشۇ رادىئونىڭ قېشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ، ماڭا نىسبەتەن بۇ رادىئو ھەر قانداق نەرسىدىن قىممەتلىك، دېگەن.
رەسىم
4.jpg

گىرمانىيىلىكلەر ئىشلەپچىقارغان ماي قەلەم يەرگە 10 نەچچە قېتىم چۈشۈپ كەتسىمۇ، يەنىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. گېرمانىيەلىكلەر سالغان ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرى سېلىنغىنىغا 120 يىل بولغان بولسىمۇ ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ، بۇ ئۆيلەر ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولۇپ كەتسىمۇ، گېرمانىيەلىكلەر چوقۇم ئۇنى ئەسلىدىكى شەكلى بويىچە قايتا ياساپ چىقالايدۇ.
گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ئۆي- زېمىن بازىرىغا تايانمايدۇ، شۇڭا گېرمانىيەلىك بىناكارلىق ئۇستىسى (ئارخىتېكتور) نىڭ بىرەر قۇرۇلۇش تۈرىنى ئالالىشى ناھايىتى قىيىن، شۇڭا ئاران تەستە بىر خېرىدار بولغاندا، چوقۇم كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەپ، ئۇنى چوقۇم ياخشى نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان بىر ئىنتايىن ئېسىل سەنئەت ئەسىرىگە ئايلاندۇرىدۇ.
رەسىم
5.jpg

شۇنداق بولغاچقا، سىز گېرمانىيەدە بىر بىرىگە ئوخشاش ئىككى ئىمارەتنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر گېرمانىيىلىك ئارخىتېكتورنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنى «كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت» ئەمەس، بەلكى «كېيىنكى نام»نى بەكلا قەدىرلەيدۇ، دېيىشىدۇ.
بىر ئادەم بىلەن پەقەت بىرلا قېتىم سودا قىلىدۇ بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر چەت ئەللىك مۇخبىر سىمىنىز شىركىتىنىڭ باش لىدىرى پېتېر ۋون سيېمېنزدىن «نېمە ئۈچۈن 80 مىليونلا نوپۇسى بار گېرمانىيەنىڭ 2300 دىن كۆپرەك دۇنيادا داڭلىق ماركىسى بار؟» دەپ سورىغاندا، بۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بۇ دەل بىز گېرمانلارنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەسىگە تايىنىدىغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى، بىز ھەربىر ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە ئەھمىيەت بېرىمىز، گېرمانىيەلىك ئىشچىلارمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، سېتىشتىن كېيىنكى ياخشى بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىنىمۇ ياخشى ئادا قىلىدۇ» .
رەسىم
6.jpg

شۇ چاغدا ھېلىقى مۇخبىر ئۇنىڭدىن: «كارخانىنىڭ ئاخىرقى نىشانى دەل ئەڭ زور پايدا ئېلىش ئەمەسمۇ؟ مەجبۇرىيەتنىڭ نىمە نەرسىلىكى بىلەن كارى نىمە؟» دەپ سورىغاندا، سيېمېنز: «ئۇنداق ئەمەس، سىزنىڭ دېگىنىڭىز ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى، بىز گېرمانلارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىمىز بار. بىز گېرمانلارنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىدە پەقەت ئىككىلا نەرسىنى قوغلىشىمىز، بىرىنچىسى: ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ ئىناقلىقى ۋە بىخەتەرلىك؛ ئىككىنچىسى: يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەت. بۇ دەل كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىكى ماھىيىتى ۋە جېنى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئەڭ زور پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس. شۇنداقلا بىر كارخانىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشى ھەرگىزمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈنلا ئەمەس. ئەمەلىيەتتە كارخانا ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش، مۇكەممەل بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارمۇ ھەم گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ ئورتاق مۇقەددەس بۇرچىمىز ھەم مەجبۇرىيىتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.
بۇ يەردە دېيىلگەن «مۇقەددەس بۇرۇچ»نىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇ دەل «تەڭرى سىزنى قىلىشقا بۇيرۇغان ئىش»نى كۆرسىتىدۇ. گېرمانىيەدە ھېچقانداق بىر كارخانا بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز بېيىپ كەتمىگەن، بىر كېچىدىلا تېزلىكتە دۇنيا بويىچە قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالمىغان. ئۇلار ئادەتتە پۈتۈن دىققىتىنى مەلۇم ساھە، مەلۇم تۈردىكى مەھسۇلاتقا قارىتىدىغان بولۇپ، «كىچىك شىركەت» ۋە « ئاستا شىركەت» بار، ناھايىتى ئاز ساندا «ناچار شىركەت»مۇ بار بولسىمۇ، «يالغان شىركەت» مۇتلەق يوق.
رەسىم
8.jpg

بۇنداق شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۈز يىللىقتىن ئارتۇق تارىخى بار، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ۋە قىممىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان دۇنيادىكى داڭلىق شىركەتلەر بولۇپ، «يوشۇرۇن چېمپىيون» دەپ ئاتالغان.
گېرمانىيەنىڭ «تۇلپار» ماركىلىق بالون شىركىتى 1781- يىلى قۇرۇلغا، ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى ھەر بىر ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەردە بىردىن تارماق دۇكىنى ئېچىلغان. گېرمانىيەنىڭ ئادىداس شىركىتى 1920- يىلى قۇرۇلغان، ھازىرغىچىلىك 100 يىلغا يېقىن تارىخى بار. بۇنىڭدىن سىز شۇنى كۆرەلەيسىزكى، گېرمانىيەدىكى بۇ خىل كارخانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يىل تارىخى خېلى ئۇزۇن.
گېرمانىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرى باھا ئۇرۇشى قىلمايدۇ، كەسىپداشلىرى بىلەن رىقابەتلەشمەيدۇ، سەۋەبى شۇكى، بىرىنچىدىن: كەسپىي ساھەلەر قوغدىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن: باھا ھەممىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل ئەمەس بولغاچقا، باھا جېڭى قىلسا پۈتكۈل كەسىپىي ساھەنىڭ  ھەممىسى يامان سۈپەتلىك ئايلانماا پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن. گېرمانىيە كارخانىلىرىمۇ پايدا قوغلىشىدۇ، لېكىن پەقەت ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭘﺎﻳﺪا ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولسىلا، ئاز بولسىمۇ پۇل تاپقىلى بولسىلا بولىدۇ، سەۋەبى شۇكى، گېرمانلار ئۇنچىۋالا ئاچكۆز ئەمەس، توختىماي پايدا ئېلىشنى كۆزلىمەيدۇ، بەلكى تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مەسىلىسىنى بەكرەك ئويلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، گېرمانىيەلىكلەر ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﭘﺎﻳﺪىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم پايدىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتقا ۋە مۇكەممەل مۇلازىمەتكە ئايلاندۇرۇشقا رازى بولىدۇ.
رەسىم
7.jpg

مۇخبىر بۇرۇن بېرلىندا بىر فىسىلېر ماركىسىدىكى قازان- قۇمۇچ دۇكىنىنىڭ دېرىكتورى بىلەن پاراڭلىشىپ باققان، مۇخبىر: «سىلەر گېرمانىيەلىكلەر ياسىغان قازاندىن 100 يىلغىچە پايدىلانغىلى بولىدىكەن، شۇڭا ھەر بىر قازان سېتىلغاندا، ئەمەلىيەتتە بىر خېرىدار يۈتۈپ كەتكەنگە باراۋەركەن، كېيىن سىزنى ئىزدەپ كېلىشكە خەقنىڭ ھاجىتى چۈشمەيدىكەن، بۇنىڭغا قاراڭ، ياپونلار ياسىغان قازاننى 20 يىل ئىشلىتىشكە ئاران پايلايدۇ، شۇڭا خېرىدارلار ھەر 20 يىلدا بىر قېتىم سىزگە ھاجىتى چۈشۈپ يەنە سىزنى ئىزدەپ كېلىدىكەن. ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىڭ، مۇشۇنداق قىلساڭلار گۇڭ كۆتۈرەرمۇ؟ سىلەر نېمە ئۈچۈن بىرەر نەرسە ياسىساڭلار بەكلا پۇختا، مۇكەممەل ياسىۋېتىسىلەر؟ ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتىنى قىسقىراق قىلىپ ياسىساڭلار سىلەر تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايسىلەر ئەمەسمۇ؟» دېگەندە، قازان- قۇمۇچ دۇكىنىنىڭ دېرىكتورى مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «نەدىكى بىر گەپنى قىلدىڭىز، بىزنىڭ قازىنىمىزنى سېتىۋالغان ھەر قانداق ئادەم ئىككىنچى قېتىم قازىنىمىزنى يەنە ئېلىشقا ھاجىتى چۈشمەيدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، بۇنى ئاڭلىغان تېخىمۇ كۆپ كىشى قازان ئالغىلى كېلىدۇ، ھازىرمۇ ھەممىمىز ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق، يېتىشەلمەيۋاتىمىز. بىزنىڭ بۇ قازان- قۇمۇچ زاۋۇتىمىز   دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇرۇنقى قورال- ياراق زاۋۇتىدىن باشقا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا بۇنداق قازاندىن 1 مىلياردنى سېتىپ چىقاردۇق. ھازىر دۇنيادا قانچىلىك نوپۇس بارلىقىنى بىلەمسىز؟ دۇنيا نوپۇسى ھازىر 8 مىلياردقا يېقىنلاپ قالدى، يەنە 7 مىلياردتىن كۆپرەك ئادەم بار چوڭ بازار بىزنى ساقلاۋاتىدۇ».
گېرمانلارنىڭ ئوي- پىكىرى ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ماركېتىڭ (تىجارەت ئىلمى) ئىستراتېگىيەسىمۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ، بىر سودىنى بىر ئادەم بىلەن پۈتۈن ئۆمرىدە پەقەت بىرلا قېتىم قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، يەنە ئىككىنچى بىر خېرىدارنى جەلپ قىلىدۇ، ئاندىن ئۈچىنچى  بىر ئادەمگە تەسىر قىلىدۇ، گېرمانلار مانا مۇشۇنداق سودا قىلىدۇ. شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، يىراقنى كۆزلەيدۇ بۈگۈنكى گېرمانىيەدە پەقەت بېرلىن، ھامبۇروگ ۋە فرانكفورتتىن ئىبارەت «خەلقئارالاشقان شەھەر» دەپ بېكىتىلگەن ئۈچلا شەھەر بار، كېيىنچە ئۇرۇش بولۇپ قالسىمۇ «مۇداپىئەسىز شەھەر» دەپ ئېلان قىلىنىدۇ، باشقا شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇتلەق كۆپ قىسىم گېرمانلار 50 مىڭ، 100 مىڭ، 200 مىڭ نوپۇسى بار شەھەرلەردە ياشايدىغان بولۇپ، ھەتتا 500 مىڭ نوپۇسى بار شەھەرمۇ گېرمانلارغا بەك چوڭ شەھەردەك تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. گېرمانىيەنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇنداق بىر ئالاھىدىلىكى بار: شەھەر بويىچە ئەڭ ئېگىز جاي چوقۇم چىركاۋنىڭ ئۇچلۇق ئۆگزىسى، ھەرقانداق قۇرۇلۇش بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
رەسىم
9.jpg

مۇخبىر ئىلگىرى بىر گېرمانىيەلىك پىروفېسسور بىلەن «نېمە ئۈچۈن گېرمانلار ۋاقىتقا رىئايە قىلالايدۇ؟» دېگەن مەسلىنى مۇھاكىمە قىلىشقان. پىروفېسسور مۇنداق دېگەن: «شەھەر كىچىك بولسا ئاسانلا ۋاقىتقا رىئايە قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ئۈچۈن شەھەرنى جەزمەن كىچىكرەك لايىھىلەش كېرەك. ئەگەر سىز  ئاپتوموبىلنى ئاممىۋىلاشتۇرۇش دەۋرى شەھەرلەردە قاتناش قىستاڭ بولۇپ كەتمىسۇن دېسىڭىز، ئۇنداقتا ئىككى شەرت بار، بىرىنچى شەرت شۇكى ھەرقانداق بىنا بەش قەۋەتلىكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، گېرمانىيەدە ئالتە قەۋەتتىن يۇقىرى بىنا سېلىنماقچى بولسا، چوقۇم پارلامېنتنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق ماقۇللىشىدىن ئۆتكەندە ئاندىن يول قويۇلىدۇ. ئىككىنچى شەرت شۇكى ھەرقانداق شەھەردە چوقۇم يېرىم بوشلۇق تاشيولغا ئاجرىتىلىشى كېرەك. يۇقىرىقى ئىككى شەرىتنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئاشۇرالىسىڭىز، شۇ چاغدا شەھەردە ھەرگىز ماشىنا توسۇلۇپ قالمايدۇ». گېرمانىيەلىكلەر ھازىر پەقەت بېرلىن، ھامبۇروگ ۋە فرانكفورتتىن ئىبارەت ئۈچلا شەھەرگە ئېگىز بىنا سالدى، سالغاندىمۇ دۇنياۋى دەرىجىلىك ئېگىز ۋە چوڭ بىنالارنى سالدى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر ئالدىنقى شەرتى بار، ئۇ بولسىمۇ، بۇنداق ئېگىز بىنالار مەيلى قايسى يۆنىلىشتىن ئۆرۈلسۇن، چوقۇم، يېنىدىكى يەنە بىر بىنانى بېسىۋالماسلىقى كېرەك. شۇڭا بىنا قانچە ئېگىز بولسا، ئەتراپىدا قالدۇرۇلغان بوش يەر شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇنى دەل «شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش، يىراق مەزگىللىك ئىستىراتىگىيە بەلگىلەپ يىراقنى كۆزلەش» دەيمىز. گېرمانلار ئۆي سالماقچى بولغاندا، ئۇ ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنىمۇ چوقۇم ئويلىشىدۇ. .
رەسىم
10.jpg

گېرمانىيەلىكلەر ئۆزى ياخشى، باھاسى ئەرزان، دېگەنگە ئىشەنمەيدۇ «گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن» مەھسۇلاتلارنىڭ ئەۋزەللىكى ھەرگىزمۇ باھا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ئەمەس، ھەتتا گېرمانلار ئۆزىمۇ گېرمانىيە مېلىنىڭ ئۆزى ياخشى، لېكىن باھاسىنىڭ ئەرزان ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. سىز ياپونلۇقلار بىلەن باھا تالاشسىڭىز بولىدۇ، لېكىن گېرمانلار بىلەن باھا تالاشسىڭىز قىلچىلىكمۇ چۈشۈرەلمەيسىز، ئازراقمۇ پايدىسى يوق. ھەتتا گېرمانلار «مەھسۇلاتىمىز ياخشى، باھاسى ئەرزان» ئىشنىڭ بارلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇ. «گېرمانىيەدە ئىشلەنگەن» مەھسۇلاتلارنىڭ ئەۋزەللىكى دەل ئۇنىڭ سۈپىتىدە، مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى خاس تېخنىكىسى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىدا. گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئادەتتىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممسى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيىسىگە ئىگە، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، باشقا دۆلەتلەر بىر مەھەلگىچە ياساپ چىقالمىغان مەھسۇلاتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گېرمانىيە ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ %30 تىن كۆپرەكى خەلقئارا بازاردا رىقابەتچىسى يوق ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بولۇپ، گېرمانلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان سانائەت ماللىرىنىڭ چوڭى يەر قېزىش ماشىنىسىدىن تارتىپ، كىچىكى كاتىپلىق خىزمىتى داۋامىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تۈپلىگۈچكە قەدەر ھەممىسى سۈپەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
رەسىم
11.jpg

گېرمانىيەدىكى 3 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تەمىنلىنىدىغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدە ھېچقانداق سۈنئىي خۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمايدىغان بولۇپ، چوقۇم تەبىئىي بولۇشى شەرت ئىكەن؛ بارلىق سۈت پاراشوكلىرى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا، ئانا- بالىلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلار پەقەت دورا دۇكىنىدىلا سېتىلىدىكەن، تاللا بازىرىدا سېتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. بارلىق شاكىلاتلارمۇ تەبىئىي كاكائو مېيى خام ئەشيا قىلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلىشى كېرەككەن، بارلىق ساقلىقنى ساقلاش ۋە تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنىڭ چوقۇم تەبىئىي ئورگانىك ماتېرىياللاردىن ئېلىنغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسى ۋە ئۆسۈملۈك تېرىش باغچىسى بولۇشى كېرەككەن.
رەسىم
12.jpg

گېرمانىيەلىكلەر ئىشلەپچىقارغان تازىلاش دورىسى، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق غەيرىي سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەۋى مەھسۇلاتلارنىڭ پاكىزلاش ۋە مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇشتىن باشقا، يەنە كۆپ ساندىكىلىرىگە جانلىقلارنىڭ دېگراداتسىيە تېخنىكىسى قوللىنىلغان، يەنى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ياردىمىدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خىمىيىلىك تەركىپلەرنى پارچىلاپ، كەلگۈسىدە خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن. گېرمانلار ئىشلەپچىقارغان سۇ سۈزۈش چەينىكى ئانئورگانىك زەھەرلىك ماددىلارنىمۇ، ئورگانىك زەھەرلىك ماددىلارنىمۇ  سۈزۈۋالىدىكەن، شۇنداقلا تەركىبىدە مول ماگنىي ئېلېمېنتى باركەن. بۇنداق چەينەكتە سۈزۈلگەن سۇ سۇس تاتلىق تەملىك بولىدىكەن. گېرمانىيەنىڭ قازان- قۇمۇچلىرىنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش خاراكتېرى ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق بولۇشتەك تەبئىي خۇسۇسىيىتى بار ئىكەن، ھەم ئېنىرگىيە تېجەپ، مۇھىت ئاسرايدىكەن، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، كىشىلەر گېرمانىيەنىڭ بۇنداق قازان- قۇمۇچلىرىنى ئىشلەتسە، بىر تال شام بولسىلا بىر ۋاق مەززىلىك نازۇ-نېمەتلەرنى تەييارلىغىلى بولىدۇ، دېگەن. گېرمانلار ئىشلىگەن بىر قازاننى 100 يىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن گېرمانلار ئاتا- بوۋىسىدىن مىراس قالغان قازاننى ئىشلىتىدىكەن. گېرمانلار ھەر قانداق بىر خىل ئاشخانا سايمانلىرىنى پۈتۈن ئۆمرىدە پەقەت بىرلا قېتىم سېتىۋالىدىكەن، ئىككىنچى قېتىم پۇل خەجلەپ سېتىۋېلىشىنىڭ ھاجىتى يوقكەن، سەۋەبى ئاشخانا سايمانلىرىنى بىر ئۆمۈر ئىشلەتسىڭىزمۇ بۇزۇلۇپ كەتمەيدىكەن.
رەسىم
13.jpg

گېرمانلار ئىشلەپچىقارغان شورپا قازىنى پۈتۈنلەي پولات قۇيمىچىلىقى بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئېغىرلىقىدىن ھەتتا ئەرلەرمۇ ناھايىتى تەستە كۆتۈرىدىكەن. ئۇنىڭ تۇۋىقنىڭ ئىچكى تەرىپىدە ئاجايىپ گۈل نۇسخىسى باركەن. مۇخبىر بىر گېرمانىيەلىك سودىگەردىن: «بۇ گۈل نۇسخىسىنىڭ نېمە رولى بار؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ سودىگەر: «بۇ تۇۋاق يېپىلغاندىن كېيىن، سۇ ھورى بۇ گۈل نۇسخسىسىنى بويلاپ ئاستى- ئۈستى يۆنىلىشتە تەبئىي ئايلىنىدۇ، قايناۋەرگەنلىكتىن ئاسانلىقچە يوقاپ كەتمەيدۇ، بۇ دېگەن بىر خىل تېخنىكا» دەپ جاۋاب بەرگەن. گېرمانىيەنىڭ قازان- قۇمۇچلىرىنىڭ تۇۋىقى ناھايىتى ھىم يېپىلىدىغان بولغاچقا، ئازراقمۇ يوچۇق قالماي، ئۈچ مىنۇت ئىچىدە قاينايدۇ، دېيىلسە چوقۇم ئۈچ مىنۇتتا قايناپ بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ھەقىيقەتەن خېلى كۆپ گاز پۇلىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.
رەسىم
14.jpg

مۇخبىر بۇرۇن بىر گىرمانىيەلىك كارخانىچىدىن «نېمىشقا گېرمانىيە ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى100 يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ  دەيمىز؟» دەپ سورىغان. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «بۇنىڭدا ئىككى جەھەتتىكى سەۋەب بار، بىرىنچى سەۋەبى شۇكى، گېرمانىيەدە بايلىق يوق بولغاچقا، بارلىق مۇھىم سانائەت خام ئەشىيالىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنىشقا تايىنىپ كەلگەن، شۇڭا بىرەر نەرسىنىڭ رولىنى چوقۇم تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئىمكانقەدەر سوزۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا، خام ئەشىياغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ ئىقتىسادچىللىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر سەۋەب شۇكى، بىز گېرمانلار مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقى  ئۇزاققىچە ئىشلىتىشىكە چىداملىق  ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، دەپ قارايمىز».
       15.jpg





25

تېما

29

يازما

116

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
116
ۋاقتى: 2016-4-10 23:05:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىمۇ مۇشۇنداق بىر خىل سودا ۋە سۈپەت قارىشى بولسا ، كارخانلىرىمىز تېخمۇ تەرەققى قىلغان بۇلاتىتى ھە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش