تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇقلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

620

تېما

647

يازما

2447

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2447
ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇقلىرى

ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى
   ساياھەتچىلەر سېتىۋالغان ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەتتىن خەۋەردار بولۇشقا ھوقۇقلۇق. ساياھەت توختامنامىسىدىكى سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، گۇرۇپپىسىدىكى ئادەم سانى، مۇلازىمەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ۋە ئۆلچەملىرى، ئىختىيارىي پائالىيەت ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئازايتىش ئۇچۇرى، شۇنداقلا ساياھەتچىلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە – تۈزۈم، ئۆرپ – ئادەتلەر، دىنىي پەرھىز ۋە قانۇندا قاتنىشىش چەكلەنگەن پائالىيەت قاتارلىقلار توغرىسىدا ساياھەت كوپىراتىپىدىن تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.
   زورلاپ سېتىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى
   ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەتنى ئىختىيارىي تاللاش ھوقۇقى ۋە ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ زورلاپ سېتىشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار.
   توختامنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى
   ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ رەت قىلىشقا ئورۇنلۇق سەۋەبى بولغاندىن سىرت، ساياھەتچىلەرنىڭمۇ ساياھەتنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ توختامدا بېكىتىلگەن ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئۈچىنچى تەرەپكە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى بار. بۇنىڭدا كۆپەيگەن راسخوتنى ساياھەتچى ۋە ئۈچىنچى تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ.
   توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقى
   ساياھەت توختامى بېكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، توختامدىكى ئادەم سانى توشماي ساياھەتكە چىقالمىغان ئەھۋالدا، ساياھەت كوپىراتىپى توختامنى باشقا بىر ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ئىجرا قىلىشىغا ھاۋالە قىلسا، ساياھەتچى بۇنىڭغا قوشۇلمىسا، توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ ھەمدە تاپشۇرغان ھەقنى تولۇق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلالايدۇ. ساياھەت ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ساياھەتچىلەر توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ساياھەت كوپىراتىپى مۇۋاپىق ھەق تۇتۇۋېلىپ، ئېشىپ قالغان قىسمىنى ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ساياھەت كوپىراتىپى ۋە ياردەم بەرگۈچى خادىملار مەسئۇلىيەت – مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تۇرۇپمۇ بەزى ھادىسىلەردىن ساقلىنالماي، ساياھەت توختامىنىڭ داۋاملىشالماي قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ساياھەتچى بىلەن ساياھەت كوپىراتىپى توختامنى بىكار قىلالايدۇ. توختام تولۇق ئىجرا قىلىنماي تۇرۇپ، ساياھەتچى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ توختامنى ئۆزگەرتىشىگە قوشۇلمىسا، توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بار.
   زىيان – زەخمەتنى تۆلىتىش ھوقۇقى
   ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىسا، قانۇن بويىچە تۆلەمگە ئېرىشىش ھوقۇقى بار. مەنزىرە رايونى ۋە مېھمانساراي خوجايىنلىرى ساياھەت ئورۇنلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قىسمەن ساياھەت تۈرلىرىنى تەمىنلەپ تىجارەت قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە زىيان سالسا، ساياھەتچىلەرنىڭ سودىگەرلەردىن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. ساياھەت كوپىراتىپى توختامنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىشى كېرەك، ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپىدىن كېيىن، يەنىلا توختامنى ئىجرا قىلماي، ساياھەتچىلەر جىسمانىي زەخىمگە ئۇچرىسا، ساياھەتچىلەر ساياھەت كوپىراتىپىدىن ساياھەت راسخوتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
   ھۆرمەتلىنىش ھوقۇقى
   ساياھەتچىلەرنىڭ شەخسىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت سودىگەرلىرىدىن ساياھەت جەريانىدىكى شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيىتىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.
   بىخەتەرلىك كاپالەت ھوقۇقى
   ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت سودىگەرلىرىدىن مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتى ۋە ئەسلىھە – ئۈسكۈنىلەرنى توغرا ئىشلىتىش، زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك قوغدىنىش ۋە جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىش، تېخى ئېچىۋېتىلمىگەن تىجارەت مۇلازىمىتى سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلەر، قاتناش قولايسىز جايلار توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.
   ياردەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى
   ساياھەتچىلەر جىسمانىي ۋە مال – مۈلكى خەتەرگە ئۇچرىغاندا، ساياھەت سودىگەرلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن قۇتقۇزۇش ياردىمى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار، چېگرا سىرتىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ساياھەتچىلەر ئېلىمىزنىڭ شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش ۋە ھىمايە قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.
   قايتىشقا ياردەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقى
   ساياھەتچىلەر توختامغا قول قويۇپ بولغاندىن كېيىن، ساياھەت ئوتتۇرىسىدا توختام ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت كوپىراتىپىدىن ئۆزىنى يولغا چىققان جايغا ياكى ساياھەتچى بەلگىلىگەن ئورۇنغا ئاپىرىپ قويۇشنى، ساياھەت كوپىراتىپى ياكى ياردەمچىنىڭ سەۋەبىدىن توختام بىكار قىلىنغان ئەھۋالدا، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت كوپىراتىپىدىن قايتىش يول ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.
   ئەرز – شىكايەت ھوقۇقى
   ساياھەتچىلەر ساياھەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بايقىسا، ساياھەت، سودا – سانائەت، باھا، قاتناش، سۈپەت نازارەتچىلىك ، سەھىيە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلسا،مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلسا ياكى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش