تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 137|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قان قويۇقلىشىش كېسىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

620

تېما

647

يازما

2447

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2447
قان قويۇقلىشىش كېسىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى


قان قويۇقلىشىش كېسىلى قاننىڭ زىيادە قويۇقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدا سېزىلىدىغان ئالامەتلەر روشەن بولمىغانلىقتىن خەتەرلىك ھەم يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ . مەسىلەن: يۈرەك مۇسكۇلىغا ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك موسكۇل تىقىلمىسى ۋە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش قاتارلىق كېسەللەر قاننىڭ قۇيۇقلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
    ياشانغانلاردا قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئاجىزلاپ، نەيچە بوشلۇقى تەدرىجىي تارىيىپ، قاندىكى تەركىبلەر يۇقىرىلايدۇ. مەسىلەن: قان پىلازمىسىدىكى شار ئاقىل ماددىسى، تالالىق ئاقسىل، ترىگلىتسېرىد خۇلېستېرىن قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا قاننىڭ تەركىبىدە ياد ماددىلار كۆپرەك بولۇپ، تالالىق ئاقسىل ۋە قان پىلاستىنكىلىرى قاندىكى ياد ماددىلارنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ، ياد ماددىنى ئورىۋېلىپ، قان نوكچىسىنى پەيدا قىلىپ، قاننىڭ نورمال ئېقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قان ۋە قان پىلازمىسى يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەردۇر . ئادەتتە بىز ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتسەك ‹‹قان قويۇقلىشىش كېسىلى›› نىڭ ئالامەتلىرىنى بايقىلالايمىز. مەسىلەن : ئەتىگەندە باش قېيىش، كېچىسى ئۇيقۇ ئاز بولۇش، چۈشلىك تاماقتىن كىيىن ئۇيقۇسى كېلىپ مۈگدەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇ چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنىڭ تىپىك ئالامىتى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بۇيۇننى تولغىغاندا نەرسىلەرنى ئوچۇق كۆرەلمەسلىكمۇ، قان قويۇقلۇق ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆرۈش نېرۋىسى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىيەلمەي، كۆرۈش تور پەردىسىگە ئوكسىگېن ۋاقىتلىق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىش قىلغاندا نەپىسى بۇغۇلۇش، بولۇپمۇ زۇڭزۇيۇپ ئولتۇرغاندا تېخىمۇ ئېغىرلىشىش، ئۆپكە ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئالامەتلىرى مەيلى كۆرۈلسۇن ياكى كۆرۈلمىسۇن ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىتىش لازىم.
    بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەندىكى سۇنى تۇلۇقلاش لازىم. كۆپ سۇ ئىچىپ بەرگەندە بەدەندىكى سۇ كۆپىيىپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ ھەم بەدەندىكى قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ . تەركىبىدە ۋىتامىن c مول بولغان مېۋە –چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم ، چۈنكى ۋىتامىن c نىڭ قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش رولى بار . كۆكتاتتىكى يىرىك تالالار ئۈچەيدە خولېستېرىننىڭ سۈمۈرلىشىشىنى توسۇش ئارقىلىق قاننى سويۇلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پۇرچاق ياسالمىلىرى ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ تۇخۇمى، بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم. بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا لېتستېرىن دانىچىلىرىنى كىچىكلىتىپ، لەيلىتىش ھالىتىنى ساقلاش ئارقىلىق ياغلارنىڭ قان تومۇرى دېۋارىدىن ئۆتۈپ، توقۇلمىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.
    يېمەك–ئىچمەكنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش، ياغدا قورىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ، تاماكا ، ھاراقنى تاشلاش كېرەك . تاماكا قاندىكى ئوكسگېن مىقدارىنى زىيادە كېمەيتىۋېتىدۇ، چۈنكى تاماكا تەركىبىدىكى كاربون چالا ئوكسىدى قان قىزىل ئاقسىلىنى شەكىللەندۈرۇش بىلەن بىللە، تاماكا تەركىبىدىكى نېكوتىنمۇ قان تومۇرلىرىنى قىسقارتىپ، قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىپ ، قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئازايتىپ، ئېقىش سۈرئىتىنى ئاستىلىۋېتىدۇ، شۇنداقلا قاننىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. بۇ بەدەندىكى ئېشىندى ياغلارنى پارچىلاپ، قاننىڭ قۇيۇقلىشىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش