تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 199|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يەككە تىجارەتچىلەريوقىلىدۇدەپتۇ، سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561

يەككە تىجارەتچىلەريوقىلىدۇدەپتۇ، سىزنىڭ تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟
            
    دۆلەت رەئىسى روسىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە نوتۇق سۆزلەپ : " كەلگۈسى بەش يىلدا يەككە تىجارەچىلەر يوقىلىدۇ.ئۇنىڭ ئورنىنى كۆللىكتىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىلغان سودا ئەندىزىسى ئالىدۇ! بۇ ئومۇمىي يۈزلىنىش ! كەلگۈسىدىكى ئاساسىلىق سودا ئەندىزىسى : 1.ئېلېكتىرونلۇق سودا تورىدىن مال سېتىۋېلىش بولىدۇ ؛ 2. 020 ئەندىزىسىدىكى تور ۋە ئەمەلىي دۇكان مۇلازىمىتى بولىدۇ، دېگەنىدى.

    لى نىڭ شىركىتى ئەمەلىي دۇكىنىدىن 1800 دىن كۆپرەكنى تاقىدى،چۈنكى  ئۇلارنىڭ تور سوداسوممىسى ئەمەلىي دۇكاننىڭكىدىن ھالقىپ كەتتى. كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى %80 گە يېقىن ئەمەلىي دۇكىنىنى تاقىماقچى. كېيىم-كىچەك، ئاياق كىيىملىرى دۇكانلىرىنىڭ %30 كە يېقىنىنى تاقايدۇ.
    ئۇنداقتا، كەلگۈسى بەش يىلدىن 10 يىلغىچەبولغان مەزگىلدە زادى قانداق سودا ئەندىزىسى ئاساسىي ئېقىم بولىدۇ؟ بۇنىڭغا ھەرخىل ئېلېىكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسى دەپ جاۋاپ بېرىمىز. يەنى خېىرىدارلا ئەمەلىي دۇكانلاردا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ سىناپ باقىدۇ، زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ توردۇكانلىرىدىن سېتىۋالىدۇ، زاۋۇت- كارخانىلار مالنى خېرىدارغا بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بېرىدۇ.(  ئەقىللىق كارخانچىلار توردا سوداۋە ئامباردا ساقلاش -توشۇش ئىشلىرىنى 3- تەرەپ شىركەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى مەھسۇلاتىنى ياخشىلاش يولىدا تېرىشىدۇ.) ئۇنىڭدىن كېيىن، خېرىدارلار ئۆزى باشقا خېرىدارلارغا تونۇشتۇرىدۇ، زاۋۇت خېرىدارغا بىۋاسىتە ئېلان- تەشۋىقات ھەققى بېرىدۇ... كۆپچىلىك ئويلاپ باقسا بولىدۇ، بۇ خىل سودا ئەندىزىسى نۇرغۇن خېرىدارنى، نۇرغۇن سودابايلىقىنى ئىگىلەيدۇ.
    كەلگۈسى بەش يىلدىن 10 يىلغىچە مەزگىل بايلىق بېرىكتۈرۈلىدىغان مەزگىل بولىدۇ، سىز قانچىلىك بايلىق، قانچىلىك سېتىش يولىنى بېرىكتۈرەلىسڭىز، شۇنچىلىك ئىقتىسادىيبايلىققا ئېرىشەلەيسىز. كېمە ياساپ دەريادىن ئۆتۈش كېمە ئارىيەت ئېلىپ ئۆتكەنگەيەتمەيدۇ! بۇ يۈزلىنىش، ئۇنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ! تاللاشتىمۇ پاراسەت بولۇشى كېرەك.
   ھازىرقى كارخانىچىلار توختىماي ئۆگىنىشتىن،ئۆزگەرتىش- ئىسلاھ قىلىشتىن نەپ ئېلىۋاتىدۇ! 1991- يىلى " كوداك"شىركىتى تېخىنىكا جەھەتتە ئۆز ساھەسىدە 10 يىل ئالدىدا تۇراتتى، ئەمما 2012 -يىلى1- ئايدا ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن يانفۇن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ماگىنات " نوكىيا" مۇ ۋەيران بولدى.
   بۇرۇنقىلار " يانچۇقۇم تومپايسۇن دېسەڭ،كاللاڭنى ئۆزگەرت" دەپ  توغرائېيتىپتىكەن. جەمئىيەتتە مەلۇم مەلۇماتقا ئىگە بولۇۋېلىپلا داۋاملىق ئۆگىنىپ تۇرمىغان كىشى شاللانسا شاللىنىدۇكى، داۋاملىق ئۆگىنىپ تۇرغان كىشى شاللىنىپ كەتمەيدۇ. ئۆگەنگەندىمۇ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ ئۆگىنىش كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادابايلىق ۋە بەختىيارلىق كۆرسەتكۈچى نوقۇل پۇل سانىنىڭ ئاز- كۆپلىكىدىنلابەلگىلەنمەيدىغان بولۇپ قالدى. كىرىزىسنىڭ بولماسلىقى ئەڭ چوڭ كىرىزىس !
   بۇ دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان بىردىنبىر نەرسە ئۆزگۈرۈشتۇر. بىزتوختىماي ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ تۇرۇشىمىز لازىم.
● باشقىلار تېخى بىلىپ يەتمىگەندە سىز بىلىپ يەتسىڭىز، باشقىلار بىلىپ يەتكەندە سىز ئاللىبۇرۇن ھەرىكەتكە كېلىپ بولسىز،باشقىلار ھەرىكەتكە كەلگەندە سىز ئۇتۇق قازىنىپ بولسىز،باشقىلار ئۇتۇق قازانغاندا، سىز بېيىپ بولىسىز. مانا بۇنى ئالدىن كۆرەرلىك،دانالىق دەيمىز!  
● ئىلگىرى كىشىلەر سۇ دۆڭگە ئاقمايدۇ، دەپ قارايتتى، شۇ چاغلاردا تېخى سۇ پومپىسى كەشىپ قىلىنمىغاچقا، شۇنداق قارالغان بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر ھازىر قوياش غەربتىن چىقمايدۇ،دەپ قارايدۇ، بۇمۇ كىشىلەرنىڭ قوياش غەربتىن چىقىدىغان بىرەريۇلتۇزداياشاپ باقىمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ دۇنيادا ئويلاپ يەتمىگەن ئىشلارلاباركى، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
● ئىشلارنى ئۆزگەرتىمەن دېسەڭ، ئالدى  بىلەن ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت. ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى باشقىلار ئەمەس، بەلكى ئۆزىدۇر. ئۆزىدىن غالىپ كەلگەن ئادەم قىيىنچلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدۇ.
    ● كولىغان قۇدۇقىڭىزدىن سۇ چىقمىسا، تېخى چوڭقۇركولىماپتىمەن دەپ بىلىڭ. ئۇتۇق قازىنىش سۈرئىتىڭىزنىڭ ئاستىلىقىنى ۋاز كېچىش سۈرئىتىڭىزنىڭ تېزلىكىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.
    ●كاللىنىڭ ئوچۇقلىقى سېتىش كۈچىڭىزدىن مۇھىم، پىسخىكىڭىزنىڭ توغرىلىقى رىئاللىقتىكى ئىپادىڭىزدىن مۇھىم، نىشاننى توغرا تاللاش تېرىشىشتىن مۇھىم،ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى جاپا پۇشايماندىن كېيىنكى جاپادىن ياخشىراق.
   ●دانالىق بايلىقتىن مۇھىم، ئىقتىدار بىلىمدىم مۇھىم، ئىختىساسلىق خادىم ماشىنىدىن مۇھىم،ساغلاملىق پۇلدىن مۇھىم.
   ● قاراش ئىقتىداردىن مۇھىم، پىلان يولغا قويۇشتىن مۇھىم، ھەرىكەت ۋەدىدىن مۇھىم، تاللاش تېرىشىشتىن مۇھىم.
   ● يۆنىلىش سۈرئەتتىن مۇھىم، پۇرسەت مۇناسىۋەتتىن مۇھىم.
   ● ئۆينىڭ ئىچىدەكۆرىدىغىنىڭىز مەڭگۈ ئۆينىڭ ئىچىدىكى نەرسە بولىدۇ، ئۆيدىن چىققاندىلا ئاندىن سىرتنى كۆرەلەيسىز. پۇلنىلا ئويلىسىڭىز، كۆرىدىغىنىڭىز مەڭگۈ شۇ پۇللا بولىدۇ.
●بازارلاردىكى نەرسىلەرنىڭ قىممەت بىلىنىشى سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا پۇلنىڭ ئازلىقىدىن، يانچۇقىڭىزدىكى پۇلنىڭ ئازلىقى پۇل تېپىش پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتمىغانلىقىڭىزدىن، پۇل تېپىش پۇرسەتلىرىنى چىڭ تۇتمىغانلىقىڭىز كاللىڭىزدا بېيىش ئېڭىنىڭ كۈچلۈك بولمىغانلىدىن بولىدۇ.  
  ● ئىنساننىڭ ئەڭ ئاقىلانە پوزىتسىيەسى: ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتىش،ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان بارلىق نەرسىلەرگە ماسلىشىش.

4

تېما

11

يازما

44

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
44
ۋاقتى: 2016-9-18 11:46:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوممايدىغان پىلانكەن بۇ

642

تېما

669

يازما

2561

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2561
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-9-18 18:30:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز ئاڭلىماققا ھازىرلار شۇنداق بۇلىدىغاندەك تۇردىكەن ، لېكىن بۇنىڭغا خېلى بىر زامان بار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش