تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 52|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ياپونىيە ئامېرىكىدىن قانچىلىك يېراقتا؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

620

تېما

647

يازما

2447

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2447
ۋاقتى: 2016-10-12 23:26:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بىئو-مېدىتسىنا: ياپونىيە ئامېرىكىدىن قانچىلىك يېراقتا؟

بىلگەجان

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ئېلىنغان ياخشى ماقالە ئىكەن پايدىلىنىش قىممىتى باركەن دەپ يوللاپ قويدۇم


بۇ ھەپتە 2016-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپونىيە ئالىمى يوشىنورى ئوھسۇمى ۋە ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ كۆپلەپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى بىر قەدەر قىزىق تېمىغا ئايلانغان بولسا كېرەك. مەن بۇ ھەپتە ئىچىدە "ياپونىيە مېدىتسىنا تەتقىقاتى نېمىشقا شۇنچە تەرەققىي قىلغان؟"، "نېمە ئۈچۈن ياپون ئالىملىرى نوبېل مۇكاپاتىغا كۆپ ئېرىشىدۇ؟" دېگەندەك مۇنازىرىلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇم. شۈبھىسىزكى ياپونىيە تەبئىي پەن، تېخنىكا ۋە ئىنژىنىرلىق ساھەلىرىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئەمما بۇ يىللىق نوبېل مېدىتسىنا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ ياپونىيەدىن چىقىشى ياپونىيەنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدە دۇنيادا ئەڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. شۇغىنىسى، تارقىلىۋاتقان ماقالىلەرنىڭ ماۋزۇسىلا كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان بولۇپ، خۇددى ياپونىيە نوبېل مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەنلەر ئەڭ كۆپ چىققان دۆلەتتەك، ياكى ياپونىيەنىڭ مېدىتسىنا سەۋىيىسى دۇنيادا ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ. قارىغاندا بۇ خىل چۈشەنچە بەلكىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر قەدەر ئومۇملاشقاندەك قىلىدۇ، بۇنىڭدا ھەتتا ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا مېدىتسىنا سىنىقى ئۈچۈن ئادەملەرنى بىۋاستە سىناق ئوبىيكتى قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن "731-قىسىم" ناملىق فىلىمنىڭ تەسىرىمۇ بارمىكىن دەپ ئويلايمەن.

بۇ ھەپتىدە يەنە دىققىتىمنى تارتقىنى، مەندىن چەتئەلدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ھەققىدە كۈندە دېگۈدەك مەسلىھەت سوراپ تۇرىدىغان كۆپلىگەن بىئولوگىيە، مېدىتسىنا كەسپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ماڭا ياپونىيەدە ئوقۇش ئارزۇسى بارلىقى ۋە بۇنىڭ ئاساسلىقى سەۋەبى بىئولوگىيە، مېدىتسىنا ساھەلىرىدە دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى. گەرچە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كەسىپلەردىكى ئەۋزەللىكىنى سېلىشتۇرۇش ئەسلى مەن قىزىقىدىغان تېما بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللاش ۋە چەتئەلدە ئوقۇشتا دۆلەت تاللاشتا خاتا چۈشەنچىلەرنى تاللىشىدىكى ئاساس قىلىۋالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىئولوگىيە-مېدىتسىنا ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە نوپۇزلۇق مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ قىسقىچە چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.

نوبېل مۇكاپاتى ئىچىدىكى خېمىيە، فىزىكا، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنادىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇكاپات دۇنيادىكى ئىلىم-پەن خادىملىرىغا بېرىلىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ دۆلەتتىن چىققان نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى سانى بىر دۆلەتنىڭ شۇ ساھەدىكى تەتقىقات كۈچىگە مەلۇم دەرىجىدە ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادا تەبئىي پەنلەردىكى ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ تەسىرىنى باھالايدىغان نوپۇزلۇق SJR كۆرسەتكۈچىمۇ بىر قەدەر ئىشەنچلىك باھالاش ئۆلچىمى بولالايدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، دۆلەتلەرنىڭ مەلۇم ساھەدىكى تەتقىقات ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تۆۋەندە مۇشۇ بىر قانچە جەھەتلەردىن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى:

1. نوبېل مۇكاپاتى
  
053953x3n38n557xhnnh5x.png.thumb.jpg

(https://www.nobelprize.org/nobel_prizes/lists/countries.html)
جەمئىي: ئامېرىكا (353)، ياپونىيە (25)
2000-يىلدىن بۇيانقىسى: ئامېرىكا (106)، ياپونىيە (17)
نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى: ئامېرىكا (94)، ياپونىيە (4)

دېمەك، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جەمئىي 889 كىشىنىڭ 40% ئامېرىكىلىق بولۇپ، ئامېرىكىدىن كېيىن تۇرىدىغان ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، شىۋىتسىيە، شىۋىتسارىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ كىلىدۇ. نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا كەلسەك، جەمئىي مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ 45% ئامېرىكىلىقلاردۇر.

2. بىئولوگىيە-مېدىتسىنا ئىلمىي تەتقىقات كۈچى

052856sj3zws00websb401.jpg.thumb.jpg

فوربىس ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان سېلىشتۇرمىغا كۆرە، 2009-يىلى بىئو-مېدىتسىنا ساھەسىدە ئېلان قىلىنغان بارلىق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ 40 پىرسەنتى ئامېرىكىدىن ئېلان قىلىنغان.
http://www.forbes.com/sites/matt ... icine/#2747d6a3115d


SJR نىڭ دۆلەتلەر تەتقىقات كۈچى سېلىشتۇرمىسىغا كۆرە، 1996-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، مېدىتسىنا ساھەسىدە ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى 3 مىليون پارچىغا يىقىن ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىنغان، بۇ ياپونىيەنىڭ تەخمىنەن 5 ھەسسىگە توغرا كىلىدۇ. بۇ ماقالىلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن نەقىل قىلىنىش سانى ماقالە سۈپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىچە نەقىل سانى 25، ياپونىيەنىڭ 15 بولغان. بۇ جەھەتتە دۇنيادا ئامېرىكا 1-ئورۇندا، ياپونىيە 11-ئورۇندا تۇرىدۇ.
http://www.scimagojr.com/countryrank.php?area=2700

بىئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەھۋالغا قارىساق، ئامېرىكا ئالىملىرى ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالە سانى 1.44 مىليون بولۇپ، ياپونىيە ئالىملىرى ئېلان قىلغان ئومۇمىي ماقالە سانىدىن 4 ھەسسە ئارتۇق. ئامېرىكىدىن چىققان ماقالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە نەقىل ئېلىنىش قېتىم سانى 36، ياپونىيەنىڭ 25 ئىكەن. بۇ ساھەدە، ئامېرىكا دۇنيادا 1-ئورۇندا، ياپونىيە 4-ئورۇندا تۇرىدۇ.
http://www.scimagojr.com/countryrank.php?area=1300

3. بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا سېلىنغان مەبلەغ
  
053442d6vm0yfqtqqvndqb.png.thumb.jpg

گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تەتقىقاتقا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلىغى تۆۋەنلەش، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرىلاش يۈزلىنىشىدە تۇرسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ سوممىسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا يەنىلا غايەت زور مەبلەغ سېلىنمىسىغا ئىگە.
دۇنياغا داڭلىق "يېڭى ئىنگلاند مېدىتسىنا ژۇرنىلى" دا ئېلان قىلىنغان سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، 2012-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋە شىركەتلەر بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقاتى ئۈچۈن سالغان مەبلەغ 119 مىليارد دوللار بولسا، ياپونىيەنىڭ 37 مىليارد بولغان .بۇ جەھەتتە، ئامېرىكا سالغان مەبلەغ پۈتۈن دۇنيانىڭ 44 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، ئامېرىكا مۇشۇ ساندا مەبلەغ سالغىلى نەچچە ئون يىللار بولغان بولسا، ياپونىيە يىلدىن-يىلغان ئاشۇرۇپ شۇ سانغا يەتكەن.
http://www.nejm.org/doi/full/10.1056/NEJMp1311068

4. داڭلىق دوختۇرخانىلار
ئامېرىكا مېدىتسىناغا باشقا ھەر قانداق ساھەدىن كۆپ مەبلەغ ئاجراتقانغا چۇشلۇق، ئامېرىكىنىڭ مېدىتسىنا تېخنىكىسىمۇ ماس قەدەمدە ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، داۋالاش قېيىن ۋە ئېغىر كېسەللەر ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىدىغان دورىلار ۋە يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ناھايىتى كۆپلىرى ئامېرىكىدا دۇنياغا كەلگەن. دۇنيادىكى 100 داڭلىق دوختۇرخانىلار تىزىملىكىگە كىرگەن دوختۇرخانىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئامېرىكىدا بولۇپ، ئالدىنقى 10 تىزىملىكتە ھەممىسى ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكى (ئوخشىمىغان تىزىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن) ئامېرىكا دوختۇرخانىلىرى بولۇپ، ياپونىيە دوختۇرخانىلىرى ئىچىدە بۇ تىزىملىككە كىرگەنلىرى پەقەت بىر قانچە ئىكەن.
http://www.ontoplists.com/2015/04/top-10-hospitals-in-world.html
http://www.topmastersinhealthcar ... itals-in-the-world/
053959q2xnv7zvs4xf5i5k.png.thumb.jpg
خۇلاسىلىغاندا، يۇقىرىقى سىتاتسىتىكىلاردىن ئامېرىكىنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرى بىئولوگىيە، مېدىتسىنا ساھەلىرىدە ئىنتايىن كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە بولۇپ، ھازىر بۇ ساھەنى مونۇپۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ياپونىيە بەلكىم كەلگۈسى 50 يىلدىمۇ ئامېرىكىغا يېتىشۋىلىشى قېيىن. بەلكىم ياپونىيەدە بۇ ساھەلەردە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار، پىروفېسسورلار سانى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ئامېرىكىدا مېدىتسىنادا ئۇنىۋېرستېتلىرىدا رەسمىي ئوقۇغان ئۇيغۇرلاردىن تېخى بىرەرىمۇ يوق بولۇپ، ئاساسلىق سەۋەبى ئوقۇشقا كىرىش شەرتى ۋە چىقىمىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلىقىدۇر. نورمالدا ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېلىرىدا دوكتورلۇققا كىرىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن بىئولوگىيە ياكى باشقا ساھەلەردىمۇ ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان، ئوقۇۋاتقانلار سانى يەنىلا بىر قەدەر ئاز بولماقتا. ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرى تەبئىي پەنلەردە دوكتور ئاسپىرانتلارغا بېرىدىغان ئوقۇش مۇكاپات بېرىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن دەرس نەتىجىسى ۋە ئىنگلىزچىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالدىنقى تاللاش بولالايدۇ، دەپ قارايمەن.

ئەلۋەتتە، ئۆزۈم ئامېرىكىدا ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن، ئامېرىكىغا يان بېسىش خاھىشىم بولۇش ئېھتىمالى بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدا بېرىلگەن سىتاتىستىكىلىق ئۇچۇرلار مېنىڭ شەخسىي خاھىشىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى ئوبىيكتىپ ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن دەپ قارايمەن.

2016-يىلى 8-ئۆكتەبىر

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش