تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 330|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

شىركەت نامىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

620

تېما

647

يازما

2445

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2445
شىركەت نامىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟


شىركەت نامى ئادەتتە«شىنجاڭ ××× مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى»، «ئۈرۈمچى ××× خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى»، «خوتەن ××× بىئو– تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» دېگەندەك شەكىللەردە بولىدۇ.شىركەت نامىنى بېكىتىشتە چوقۇم شىركەت نامىغا قوشۇلىدىغان مەمۇرىي رايون نامى،ماركا، تىجارەتنىڭ ساھە ئالاھىدىلىكى، شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي تىپى قاتارلىقلارنى ئەستائىدىل ئويلىشىش كېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: 2009– يىلىدىن بۇيان،شىركەت نامىنى «شىنجاڭ» بىلەن باشلاش ئۈچۈن رويخەتتىكى كاپىتالنى 5 مىليون يۈەنگەيەتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىدىغان بولدى. رويخەتتىكى كاپىتالى 5 مىليون يۈەنگەيەتمەيدىغان كارخانىلارنىڭ نامىنى «شىنجاڭ» دەپ باشلاشقا بولمايدۇ. شىركەت نامىنى«شىنجاڭ» دەپ باشلاشنىڭ ئالاھىدە زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارايدىغانلار كەم بولغاندىمۇئىككى مىليون يۈەن قىممىتىدە كاپىتالنى نەخلەپ، قالغان سەككىز مىليون يۈەنكاپىتالنى ئىككى يىل (مەبلەغ سېلىش شىركىتى بەش يىل) ئىچىدە تولۇقلاشقا ۋەدەقىلىشى كېرەك.

شىركەتنىڭ تۇرالغۇسىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟

«شىركەت قانۇنى» دىكىبەلگىلىمە بويىچە، شىركەتنىڭ موقۇم تۇرالغۇسى يەنى ئىشخانا ياكى تىجارەت سورۇنىبولۇشى كېرەك. شىركەت تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە شىركەتكە ئىشخاناقىلىدىغان ئورۇننىڭ مۆلۈك ھوقۇقى ئىسپاتى (ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى كېنىشكىسىنىڭ كوپىيسى)ۋە ئىجارە توختىمى، ئىجارە پشۇرغانلىق ئىسپاتى (باج تالونى) قاتارلىقلارنى ھازىرلاش كېرەك.

قانۇنىي ۋەكىل،پايچىكلار قۇرۇلمىسىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟

قانۇنىي ۋەكىل شىركەتنىڭ خوجايىنى ئەمەس بەلكى شىركەت پايچىكلىرىنىڭ ۋەكىلى. قانۇنىي ۋەكىلنىڭ ھەرىكىتى پايچىكلار ھوقۇق بەرگەن دائىرىدىن چىقىپ كەتمىسىلا، قانۇنىي ۋەكىلنىڭ جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ئۆزى قوشقان پاي نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قانۇندا «ئەڭ كۆپ مەبلەغ قوشقان پايچىكنى قانۇنىي ۋەكىل قىلىش كېرەك» دەيدىغان تەلەپمۇ يوق. شۇڭا قانۇنىي ۋەكىلنى بېكىتكەندە، شىركەتنىڭ ئەمەلىي باشقۇرۇش ئىھتىياجىنى ئاساسىي ئورۇنغاقويۇش كېرەك.
جەمئىيەتتە شىركەتنىڭ پايقۇرۇلمىسىنى ياخشى بېكىتمەي، كېيىن پايچىكلار ئارا زىدىيەتلىشىپ قالىدىغان ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر. شىركەتنىڭ پايچىكلار قۇرۇلمىسى ياخشى بېكىتىلسە، باشقۇرۇش راۋان،مەبلەغ– تېخنىكا جەلىپ قىلىش ئاسان، شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئاساسى مۇستەھكەمبولىدۇ.

رويخەتتىكى كاپىتالنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟

«شىركەت قانۇنى» دا،ئىككىدىن ئارتۇق تەرەپ مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەبلەغ چېكى 30 مىڭ يۈەن، بىر ئىگىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مەغلەغ چېكى 100 مىڭ يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى. شىركەتنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالى بىلەن ئەمەلىي مال– مۆلكىنىڭ ئارىلىقى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە كارخانىنىڭ ئىناۋىتى بولمايدۇ. مەبلەغنى ساختا مەلۇم قىلىپ كۆپ تىزىملىتىۋېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. تىزىملاتقان كاپىتال بەك ئاز بولۇپ قالسىمۇ كارخانىنىڭ سودا ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىپ، تىجارەتنى يۈرۈشتۈرۈش تەس بولىدۇ. شۇڭا، شىركەت قۇرماقچى بولغانلار رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپىتالنىڭ مىقدارىنى بېكىتىشتە، ئۆزىنىڭ سودىغا قاراتقان ئەمەلي كۈچىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
تىجارەت دائىرىسىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟
كارخانىنىڭ تىجارەتدائىرىسىنى بېكىتىش سىزنىڭ نىمە ئىش قىلالايدىغانلىقىڭىز، بازارنىڭ نىمىگەئىھتىياجلىق ئىكەنلىكى قاتارلىق بىرمۇنچە مۇھىم مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.
شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرى ۋە ئادەتتىكى تىجارەت تۈرلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.ئىجازەتلىك تىجارەت تۈرلىرى دېگەندە قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئايرىم تەستىقلاش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يولغا قويۇشقا بولمايدىغان تىجارەت تۈرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مىسال، يىمەكلىك، ئىچىملىك، دورا، ئۆي– مۈلۈك، تاشقى سودا،مىھمانساراي دېگەندەك. ئادەتتىكى تىجارەت تۈرلىرى دېگەندە ئايرىم تۈر بويىچە تەستىقلىتىش زۆرۈر بولمىغان تىجارەت تۈرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مىسال: كىيىم– كىچەك،گىرىم بويۇملىرى، ئىلىكتىر سايمانلىرى، چىنە– قاچا، قۇرۇلۇش ماترىياللىرى، ئوغۇت،ماشىنا– ئۈسكىنە، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى دېگەندەك.
شۇڭا، شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى بېكىتشتە، بىرىنچىدىن، ھەممىنى يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك،ئىككىنچىدىن ئۆزى بىۋاسىتە تىجارەت قىلىش ئىھتىمالى بولغان تۈرلەرنى چالاقويماسلىق، ئۈچىنچىدىن، قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئايرىم تەستىقلاش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ يولغا قويۇشقا بولمايدىغان تىجارەت تۈرلىرىنى تاللىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئىجازەتنامە، تەستىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنىڭ شەرت–شارائىتىنى ئوبدان ئويلىشىش كېرەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش