تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 31|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئەلئىھرامنى قۇللار ياسىغان ئەمەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

620

تېما

647

يازما

2445

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2445
ئەلئىھرامنى قۇللار ياسىغان ئەمەس


20170304120437855.jpg

مىسىردىكى ئەلئېھرام ھەممىمىزگە مەلۇم دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرسى، ھازىرغىچە ئەلئېھرام ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى، كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى، قۇرۇلۇشنىڭ سىپتىلىقى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى،تارىخچى، تەتقىقاتچىلانى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ھەم ئەلئېھرامنىڭ قانداق ياسالغانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىمۇ ھازىرغىچە تۈگىگىنى يوق، چۈنكى بۇ نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ياسالغان زور قۇرۇلۇش بولغاچقا، ئۇ چاغدىكى كىشىلەرنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، تاش يۆتكەش تېخنىكىسى ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئېيتقاندا ئەلئېھرامدەك بۇنداق ھەيۋەتلىك، بۇنداق ئىنچىكە قۇرۇلۇشنى ياساپ چىقىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش. شۇڭا ئەلئېھرامنىڭ قانداق ياسالغانلىقى ھازىرغىچە كىشىلەرگە بىر سىر بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
بۇ ھەقتە نوپۇزلۇق كىتابنىڭ بىرى قەدىمكى گىرېك تارىخچىسى ھرودوتېس ئۆزىنىڭ «تارىخ» دېگەن كىتابىدا يېزىشىچە، بۇنى ئۈچ يۈزمىڭ نەپەر قۇل ياساپ چىققان دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ ھەم نۇرغۇن ئادەم ئەينى ۋاقىتتا ئەلئېھرامنى قۇللارنىڭ ياساپ چىققانلىقىغا ئىشىنىدۇ، چۈنكى بۇ ناھايىتى ئېغىر قۇرۇلۇش بولغاچقا، ئادەتتىكى ئادەم ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەمما شىۋېتسارىيەدىن چىققان بوك دېگەن بىر سائەتچى ئۇستام بۇ كۆزقاراشنى ئاغدۇرۋېتىدۇ ھەم ئەلئېھرامنى چوقۇم ئەركىن ئادەملەر ياسىغان دەپ كېسىپ ئېيتىدۇ. بۇ شىۋېتسارىيەلىك سائەت ئۇستىسى 1560ـ يىلى ئەلئېھرامنى زىيارەت قىلىۋېتىپ مۇشۇ كۆزقاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇ ئەلئېھرامنى تەپسىلىي كۆزىتىش ئارقىلىق «ئەلئېھرامنى ھەرگىز بىر توپ قۇللار ياسىمىغان، ئۇنى بىر توپ ئەركىن ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئەركىن تەپەككۇرى بىلەن، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن ياساپ چىققان» دەيدۇ، بۇ كۆز قاراش ئىلىم ساھەسىدە ئانچە بەك دىققەتنى قوزغىمايدۇ ھەم كىشىلەرگە ئادەتتىكى بىر گەپتەك تۇيۇلىدۇ.
  ئەمما 400 يىل ئۆتكەندىن كېيىن  2003-يىلى مىسىر مەدەنىي يادىكارلىقلار ئالىي كومىتېتى 600 دىن ئارتۇق چوڭ كىچىك ئەلئېھراملانى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئەلئېھرامنى دېھقان ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلەرنىڭ ياساپ چىققانلىقىنى جەزىملەشتۈرىدۇ، ئەمدى مۇشۇ ھۆكۈم بىلەن 1560ـ يىلدىكى سائەت ئۇستىسىنىڭ ئەلئېھرامنى قۇللار ياسىمىغان دېگەن ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. ئەمدى بۇ سائەت ئۇستىسى نېمىشقا بۇنداق كۆزقاراشقا كەلگەن دېگەندە، بۇ سائەت ئۇستىسى ئەسلىي  فىرانسىيەلىك بىر كاتولىك دىنىغا  ئېتىقاد قىلىدىغان ئادەمكەن، ئۇ 1536ـ يىلى رىم پاپىسىنىڭ ھۆكۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە قامىلىدۇ، تۈرمىدىكى ۋاقىتتا ئۇنى تۈرمە باشقۇرغۇچىلىرى سائەت ياساشقا سالىدۇ، بۇ سائەتچى ئىلگىرى ناھايىتى ئۇستا سائەتچىكەن، لېكىن تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ تۈرمە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا مەجبۇرىي ئىشلىگەچكە  ئۆزىنىڭ ھۈنىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايدۇ، سائەتنىڭ ئىنچىكە زاپچاسلىرىنى پەقەت ياساپ چىقالـمايدۇ. ئەسلىدە بۇ سائەتچى ئۆزىنىڭ دۇكىنىدا سائەتنىڭ خاتالىق پەرقىنى 100دىن بىر سىكۇنتتا كونترول قىلالايدىكەن، تۈرمىدە ئۇ خاتالىق پەرقىنى 10دىن بىر سىكۇنتتىمۇ كونترول قىلالماپتۇ.

دەسلەپتە بوك دېگەن بۇ سائەتچى بۇنىڭ سەۋەبىنى تۈرمىدىكى شارائىتنىڭ ناچارلىقىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇ، ئەمما تۈرمىدىن چىقىپ ئەركىن تۇرمۇشقا ئىگە بولغاندىن كېيىن سائەت ياساش تېخنىكىسى تەبىئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تۇرمىدىنمۇ ناچار شارائىتتىمۇ ناھايىتى ئۆلچەملىك، خاتالىق پەرقى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان سائەتلەرنى ياساپ چىقالاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئادەمنىڭ ئەستايىدىللىق دەرىجىسى، ئىنچىكىلىك دەرىجىسى مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، ئەكسىچە ئادەمنىڭ كەيپىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەن كۆزقاراشقا كېلىدۇ.
ئادەتتە سائەتچىلىك ساھەسىدە بىر سائەتنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن 1200 خىل خىزمەت باسقۇچى بولىدىكەن، بىر سائەتتە ئاز دىگەندە 250 دىن ئارتۇق ئۇششاق زاپچاس بولىدىكەن، ئەمدى بۇ سائەتچىنىڭ كۆزقارىشى بويىچە بولغاندا، ئادەم ئەگەر غەزەپلەنگەن، خالىمىغان، مەجبۇرلانغان كەيپىياتتا بۇ 1200 خىل ئىنچىكە خىزمەت باسقۇچىنى ھەرگىز تاماملاپ بولالـمايدۇ، پەقەت كەيپىياتى نورمال بولغان ئادەملا بۇ ئىنچىكە خىزمەت باسقۇچىنى تاماملىيالايدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭا بوك دېگەن ئادەم زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئەلئېھرام قۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە ھەم چوڭ قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا تاش بىلەن تاشنىڭ ئارىلىقىغا ھەتتا بىر تال تىغنىمۇ كىرگۈزگىلى بولـمىغۇدەك دەرىجىدىكى ئىنچىكە ئەمگەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، دېمەك بۇنداق ئىنچىكە ئەمگەكنى مەجبۇرىي ھالەتتىكى قۇللار ھەرگىزمۇ قىلالمايدۇ، پەقەت كەيپىياتى نورمال ئەركىن ئادەملەرلا بۇ ئىنچىكە ئەمگەكنى قىلالايدۇ دەپ ئويلايدۇ.
  كېيىن بوك شىۋېتسارىيە سائەتچىلىك كەسپىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ھەم باشلامچىسى بوپ قالىدۇ، ھەم ھازىرغىچە سائەتچىلىك كەسپىدە بوكنىڭ ئىدىيەسى كىشىلەر ئورتاق ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپقا ئايلانغان، يەنى بىز ھەرگىز ئادەمنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان، ۋەزىپە قويىدىغان چەت ئەل كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلاشمايمىز، ۋەزىپىگە  ئىشلەيدىغان، مەجبۇرىي ئىشلەيدىغان تېخنىكلار ھەرگىزمۇ يۇقىرى ئىنچىكىلىكتىكى شىۋېتسارىيە سائىتىنى ئىشلەپ چىقىرالـمايدۇ دەيدۇ، دېمەك سائەت ئىشچىللىرىنىڭ كەيپىياتى چوقۇم نورمال، ئەركىن بولۇشى كېرەك.
    يۇقارقىسى ئادەمنىڭ كەيپىياتىنىڭ تېخنىكىغا، ئىنچىكىلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك مىسال. ئەمدى تۆۋەندە ئادەمنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئادەمنىڭ خاراكتېرىگە، مەسئۇلىيەتچانلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە يەنە بىر ھېكايە بار.
19-ئەسىردىكى ئامېرىكا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدا 700 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئۆلۈشى، 400 مىڭ ئەسكەرنىڭ يارىلىنىشىدەك قانلىق بەدەل بىلەن جەنۇبىي قىسىمدىكى قۇللار ئازاد بولىدۇ، ھەمدە ئەركىن ئىشچىغا ئايلىنىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن شىمالىي قىسىمدىكى كاپىتالىستلار جەنۇبقا چۈشۈپ ئازاد بولغان نېگىر قۇللارنى ئىشلىتىدۇ. ئەمما ئۇزاققا بارماي بۇ كاپىتالىستلار شۇنى ھېس قىلىدۇكى، جەنۇبتىكى قۇللۇقتىن چىققان نېگىرلار شىمالدىكى ئەركىنلىكتىن چىققان قۇللارغا قارىغاندا ھورۇن، مەسئۇلىيەتسىز، ھەمدە ئانچە-مۇنچە ئوغۇرلۇق قىلىشتەك ناچار ئادەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ. چۈنكى جەنۇبتىكى نېگىرلار ئۇزاق ۋاقىت ۋەزىپىگە ئىشلىگەچكە بۇنداق پاسسىپ كەيپىياتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغان قۇللاردا مەسئۇلىيەت ئېڭى شەكىللەنمىگەن. شىمالدىكى ئىشچىلار ئەركىن بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى بېقىش، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىش دېگەنلەرنى ئۆزى ئاكتىپ كەيپىياتتا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچان خاراكتېر شەكىللەنگەن. جەنۇبتىكى قۇللار ئەركىنلىكىنى يوقىتىش بىلەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىمۇ يوقاتقان. دېمەك ئادەمنىڭ ئەركىن كەيپىياتى ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە پەزىلىتىگىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
  بىز يۇقارقى ئىككى مىسال ئارقىلىق ھازىرقى ئىككى ساھە ھەققىدە ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بىرسى كارخانىچىلىق ھەققىدە، يەنە بىرى مائارىپ ھەققىدە. كارخانىچىلىقتا ئىشچىلار چوقۇم كارخانا مېنىڭ دەپ تۇرۇپ، خىزمەتنى خالاپ ياكى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، ئۈزىنىڭ تەپەككۇرى بويىچە ئىشلىگەن ۋاقتىدا ئاندىن بۇ خىزمەتتىن ئىنچىكە ھەم سۈپەتلىك مەھسۇلات ئىشلىنىپ چىقىدۇ. بۇنداق سۈپەتلىك ئىشچىلارنى تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن بىر سۈپەتلىك مائارىپ بولۇشى كېرەك، ھازىر مائارىپتا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىنىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، ئەمما يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ياكى ئىچىكە خىزمەت قىلىدىغان سۈپەتلىك ياش، تۈجۈپىلەپ ئىشلەيدىغان خادىملار تازا يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ.
       شۇڭا مەيلى مائارىپتا بولسۇن ياكى كارخانا باشقۇرۇشتا بولسۇن شۇ نەرسە ئېنىقكى، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزدە يېڭىلىق يارىتىش روھى بولسۇن، خادىملا خىزمەتنى ئىنچىكە ، سۈپەتلىك ئىشلىسۇن دەيدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ پسىخىكىسى ئاكتىپ بولۇشى كېرەك، كەيپىياتى چوقۇم ئەركىن بولۇشى كېرەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش