تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 34|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مايۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

644

تېما

671

يازما

2577

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2577
مايۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى


يېقىندا ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيەت رەئىسى مايۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى بولدى. بۇ تەيىننامىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىپى بان كىمون ئۆز قولى بىلەن ئىمزا قويۇپ تارقاتقان. بۇ 1964-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنى قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە تۇنجى قېتىملىق مۇشۇ تۈر بويىچە مەسلىھەتچى تەكلىپ قىلىش بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سېستىمىسىدا بۇ مەسلىھەتچى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ.
20161212185443125.jpg



مايۈننىڭ ۋەزىپىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مايۈننىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېلىكتىرونلۇق سودا ۋە خەلقئارالىق سودا ساھەسىگە كىرىشىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى بولۇش مايۈننىڭ ھەقىقىي يوسۇندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى ۋە دۇنيا پۇقراسى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مايۈننىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ خەلقئارالىشىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مايۈنگە قىزىل رەڭلىك ئالاھىدە يول خېتى تارقىتىپ بېرىشنى قارار قىلغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يول خېتى ئادەتتە قىزىل رەڭلىك ۋە كۆك رەڭلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، قىزىل رەڭلىك يول خېتى پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ، باشقىلار كۆك رەڭلىك يول خېتى ئىشلىتىدۇ. بۇ يول خېتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1946-يىلى « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىمتىياز ۋە كەچۈرۈم قىلىنىش ئەھدىنامىسى» نىڭ 7-ماددىسىدا ئېلان قىلىنغان ئالاھىدە ساياھەت ئىسپاتنامىسى. بۇ يول خېتى خەلقئارالىق يول يۈرۈشكە ئىنتايىن كۆپ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، بۇ كىنىشكىگە ئىگە بولغان كىشىلەر ئۆز دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغان دۆلەتلەردە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، تېز سۈرئەتتە تامۇژنىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئېرىشەلەيدۇ.
20161212185457380.jpg




بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىپى بان كىموننىڭ مايۈنگە رەسمىي ھالدا ئىمزا قويۇپ تارقاتقان تەيىننامە، يىللىق مۇئاشى 1 ئامېرىكا دوللىرى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى كاتىپى Mukhisa Kituyi ئىپادە بىلدۈرۈپ، مايۈن ئىنتىرنېت تورى دەۋىرىدىكى تەسىر كۈچى كۈچلۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر يول باشلىغۇچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى، كارخانىچى شۇنداقلا جامائەت پاراۋانلىق خەير ساخاۋەتچىسى. ئۇ يىراقنى كۆرىدىغان ئىگىلىك تىكلەش ئۇسۇلىنى ياراتتى ۋە ئۆگىنىشكە بولغان ئىشتىياق، شۇنداقلا تېخىمۇ گۈزەل بولغان بىر دۇنياغا يول ئاچتى. مۇشۇ سۈپەتلەر ئۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچى بولالىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. بىز بىرلىكتە خەلقئارالىشىش جەريانىدا ئارقىدا ئالغان كوللىكتىپلارغا ياردەم قىلىمىز، ئۇلارغا ئۈمىد ۋە ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىمىز، دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى يىغىنىدا خەلقئارالىق ئىقتىسادنىڭ يەنىلا ياخشى بولمايۋاتقانلىقى، لېكىن ئېلىكتىرونلۇق سودا ئىپادىسىنىڭ خەلقئارالىق ئىقتىساد بىلەن بىردەك ئەمەسلىكى، ئالدىنقى يىلى خەلقئارالىق ئېلىكتىرونلۇق سودا بازىرى پايدىسىنىڭ 221 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2013-يىلدىكىدىن %38 ئاشقانلىقى تىلغا ئېلىندى، Mukhisa Kituyi ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئېلىكتىرونلۇق سودا خۇددى قوزغىلىپ بولغان پويىزغا ئوخشاش سۈرئەتنى تېزلىتىۋاتىدۇ، بىز تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ تېز پويىزغا چىقىۋېلىشىنى، ئېلىكتىرونلۇق سودىنىڭ سىغدۇرىشچانلىقىنىڭ ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغاندىن كېيىن مايۈن يېڭى تۈرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت جۇڭگودىكى كىشىلەرنىڭ خەلقئارالىق سودىغا تېزراق قەدەم قويىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مايۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشىگە كەسپىي ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
20161212185536486.jpg



بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيى دائىمىي ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى مەسىلىلىرى گە قاراپ چىقىش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان خەلقئارالىق ئىقتىسادىي تەشكىلات بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر سېستىمىسىدىكى بىردىنبىر ئونۋېرسال تەرەققىيات، سودا، مەبلەغ، تېخنىكا، مەبلەغ سېلىش ۋە سىىجىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئاپپارات، ئۇنىڭ باش ئىشتابى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، نۆۋەتتە جەمئىي 192 دۆلەت ئەزا بولغان.
مايۈن يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتى، ئاياللار تەرەققىياتى قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەرنىڭ ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى. 2016-يىلنىڭ بېشىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتىپى بان كىمون مايۈننى 17- نەپەر دۇنياغا داڭلىق شەخىس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى "ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى تەشەببۇسچىسى" دەپ ئېلان قىلدى، مايۈن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق كارخانىچى. ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا نىيۇيورك بىرلەشكەن دۆلەتلەر باش ئىشتابىدا دۇنيا ئايال باشلىقلار يىغىنىدا، مايۈن بىلگايتىسنىڭ ئايالى Melinda Gates بىلەن بىرلىكتە «ئاياللارغا ھوقۇق بېرىلىدىغان خەلقئارالىق كارخانىچىلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى » رەئىسىلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىغا خەلقئارالىق ئاياللار خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
20161212185554882.jpg

بىرلەشكەن دۆلەتلەر سودا تەرەققىيات كېڭىشى ئورگان تورىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچى مايۈننى مەخسۇس زىيات قىلىشى
مايۈن eWTP نى ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ خەلقئارالىشىش بوشلۇقى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە قازاقىستان زۇڭلىسىنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىكى، سابىق ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئېلىكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتى مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش