تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 45|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بۇ نەچچە خىل ئادەم ئەمدى بانكىدا ھېساب ئاچالمايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

643

تېما

670

يازما

2566

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2566
بۇ نەچچە خىل ئادەم ئەمدى بانكىدا ھېساب ئاچالمايدۇ

20170528174728814.jpg


كىملىكىڭىزنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ بانكىغا بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا ھېساب ئاچقۇزۇۋېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتامسىز؟ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. ئىگىلىنىشىچە، مەركىزىي بانكىنىڭ «ھېساب ئېچىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە گۇمانلىق ئەھۋاللار مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىنكى كونترول قىلىش تەدبىرى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»تا شەھەر ئىچىدىكى ھەرقايسى بانكىلاردا ھېساب ئاچالمايدىغان بىر نەچچە تۈرلۈك ئادەمنىڭ دائىرىسى بەلگىلەنگەن.
«ئۇقتۇرۇش»تا بانكىلارنىڭ ھېساب ئېچىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، بانكا ھېساباتى ۋە چىقىم ھېساباتىنى ئېلىپ-سېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلەندى.
20170529114458622.jpg

بانكىلار خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش، ساختىلىقنى تۈگىتىش، باشقىلارنىڭ نامىدا ھېساب ئېچىشنى تۈگىتىش مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك. بانكىلار ھېساب ئاچقانلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى دەلىللەش، سوراش، خېرىدارلار بىلەن قايتا سۆزلىشىش، نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش، جامائەت ئىشلىرى ھېسابات تالونىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش، توردىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خېرىدارلار ۋە ۋاكالىتەن بېجىرگۈچىلەرنىڭ ھەقىقىي سالاھيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ساختا ئىسىم ياكى باشقىلارنىڭ كىملىكى ئارقىلىق ھېساب ئېچىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
20170529114644579.jpg

بانكىلار يەنە ھېساب ئېچىشى بىنورمال بولغان ئەھۋاللارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، زۆرۈر بولغاندا ھېساب ئېچىپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ. ھېساب ئاچقاندا رەت قىلىنىدىغان ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە: خېرىدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈشكە ماسلاشماسلىق، تەشكىللىك ھالدا بىرلا ۋاقىتتا ياكى تۈركۈمگە بۆلۈپ ھېساب ئىچىش، ھېساب ئېچىش سەۋەبى مۇۋاپىق ئەمەس، ئاچتۇرغان كەسپى بىلەن ھېساب ئاچتۇرغان خېرىدارنىڭ سالاھىيىتى ماس كەلمەسلىك، خېرىدارلار ئاچتۇرغان ھېسابتا قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى ئېنىق بولۇش.

«ئۇقتۇرۇش»تا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھېساب ئېچىش، بانكا ھېساباتىنى ئېلىپ-سېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تېلېگراف ئالدامچىلىقى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، باجدىن قېچىش، پارا بېرىش ۋە پارا ئېلىش، پۇل يۇيۇش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن كۆپ قېتىم شۇغۇللانغانلىقى ئاشكارىلاندى. بىر تەرەپتىن بىر قىسىم دېلولار ۋە ئەمەلىي ئەھۋاللار بەزى بانكىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە باشقا چىقىم قىلىش ئورگانلىرىدا ھېساب ئېچىلغاندا خېرىدارلار سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش تولۇق ئەملىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكتىن باشقۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يوچۇق مەۋجۇت بولغاچقا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ھېساب ئېچىۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار گۇمانلىق مەشغۇلات ئۇچۇرى يوللىغاندىن كېيىن دوكلاتقا چېتىشلىق خېرىدار، ھېسابات ۋە مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشىگە زۆرۈر تەدبىر قوللانماي پۇل يۇيۇش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش