تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
 پارول قايتۇرىۋېلىش

ئۇيغۇر ماركا تورى

ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 31|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بىۋاستە سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش توغرىسىدا ئىككى كەلىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

658

تېما

685

يازما

2633

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2633
بىۋاستە سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش توغرىسىدا ئىككى كەلىمە


ساغلاملىق كەسپىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ساغلاملىق مەھسۇلاتنى بىۋاستە ساتىدىغانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساغلاملىق مەسۇلاتىنىڭ تۈلىرىمۇ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ قايىسىىنىڭ قانداق مەھسۇلات ، قايسىىنىڭ شاخلىتىپ سېتىش، قايسىسىىنىڭ بىۋاستە سېتىش ئىكەنلىگىنىمۇ ئايرىماق ئىنتايىن قىيىنلىشىپ كەتتى . نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇنداق بىۋاستە سېتىش كەسپى دىگەنلەرگە مەبلەغ سېلىپ ، ئالدىنىپ قالغانلار ھەمدە مۇشۇ تۇردە نۇرغۇن زىيان تارتقانلار ۋە باشقىلارنىمۇ مۇشۇ تۈرگە ئەكىرىپ يۈزىنى تۈكۈپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئورۇق تۇققانلىرىنى ئالدىدا يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرەكمەيۋاتقانلار ئىنتايىن كۆپ بۇلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇيەردە بىۋاستە سېتىش كەسپىگە مەبلەغ سالىدىغانلارغا ئۆزەم ھىس قىلغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى دەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
1. بىۋاستە ساتىدىغان ماللار ئىشەنچىلىك ماللار بۇلىشى ، بۇنىڭدىن باشقا شىركەتنىڭ تارىخى نام ئابرويىغا قاراش كېرەك. مەسىلەن بۇنىڭدا بىۋاستە سېتىش كەسپىنىڭ بوۋىسى دەپ نام ئالغان ئەمۋاي شىركىتى، بۇنىڭدىن باشقا چۈئەنجىيەن، ۋۇشىيەنچى(چەكسىز قۇتۇپ)، فۇدى، تىيەنشى، يۈمېيلى(شاھگۈزەل) قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەر مال سېتىشنى ئاسا قىلغان ، ئەزا تەرققى قىلدۇرۇشنى قوشۇمچە قىلغان شىركەتلەر ئىشەنچىلىك شىركەتلەردۇر . قۇلىدا مېلى يوق، ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئاسا قىلغان شىركەتلەرنىڭ ھەممسى ساختا شىركەتلەر ئوزۇنغا قالمايلا يوقاپ كىتىدۇ. يۇقىرىدا مەن تەۋسىيە قىلغان شىركەتلەر ھازىرغىچە ماللىرى ئىشەنچىلىك شىركەتلەردۇر.پايدىسى ئازدەك قىلغان بىلەن سىزنى يەرگە قاراتمايدۇ.مەنمۇ بىر مەزگىل ئەمۋاي شىركىتىنىڭ ماللىرىنى ساتتىم ، ئىقدىسادى قۇرۇلمىسىنى بىلىش ئۈچۈن،لېكىن جىق پۇل تاپالمىدىم، يۈزۈمنى چۈشۈرۋالمىدىم، ئەمۋاينىڭ تازلىق بۇيۇملىرى ھەقىقەترەن ياخىشى، ئۇنىڭدىن باشقا سۇ تازلىغۇچىغا ھەقىقەتەن قول قۇيىمەن. مانا بۇ پاكىت ، سىز ئەمۋاينىڭكىدە لىكسىيە ئاڭلىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتەلەيسىز، شىركەتلەر ئىچىدە ئەمۋاي شىركىتىنىڭ تەربىيلىشىگە يىتىدىغان تېخى يەنە بىر شىركەت چىقمىدى ، باشقا ساھەدە نەتىجە قازانغانلار دىن سوراپ بېقىڭ ھەممىسى ئەمۋاينىڭ مەھسۇلاتى، دىمەن خادىملىرىنى ياخشى تەربيلىيەلىگەن شىركەت سزگە پايدا ئەپكىلىدۇ،
2.پايدا نىسبىتى بەك يۇقىرى شىركەتلەرنىڭ مېلىنى ساتماڭ ، بۇمۇڭ ساختا شىركەت، ئوزۇنغا قالماي يوقىلىدۇ. قايسى كۈنى بىر ئىلكتىرونلۇق سودا شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرىگە مەبلەغ سالغانلار مەندىن مۇشۇ توغۇرلۇق سورىدى. بۇ شىركەتكە مەبلەغ سالغانلار 40 مىڭ يۈئەن مەبلەغ سالسا ھەر ئايدا 16 مىڭ يۈئەن بىرەمىش . ئايلىق پايدىسى %40 كەن مەن ئۇلارغا ئالدىنىپسىلەر دىدىم ، 10 كۈنگە قالماي شىركەت ئادەملىرى غايىپ بولدى. بىرنىڭ ئادەملەر ھەسرەتتە قالدى ئاچچىق يۈتۈپ
.
3. يىتەكچى تاللاش: بىۋاستە سېتىش كەسپىدە يىتەكچى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم ، يىتەكچىڭىز قابىل بولسا ، راسچىل، ۋەدىگە ئەمەل قىلدىغان بولسا ، سىز ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىڭ، بۇنى قانداق بايقايمەن دەمسىز ، سىز بىر مەزگىل ئۇلار بىلەن بىللە بولسىڭىز ، مەسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلسا ھەددىن ئاشۇرۇپ ماختاۋاتامدۇ، ياكى نورمال ھالەتتىمۇ ، باشقىلارغا قانداق گەپ قىلۋاتىدۇ، دىگەنلەرگە نەزەر سېلىڭ، بۇ ئاسان .
يەنە بىر ئەسكەرتىدىغان مەسىلە ، ئامال بار باشقىلار بىلەن مال ئالماشتۇرماڭ، ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە ، ئىشەنچىلىك ئادەم بىلەم مال ئالماشتۇرۇڭ، سىز باشقىلارغا جىڭ مال بەرگەن بىلەن باشقىلارنىڭ سىزگە تاۋبادىكى ساختا مالنى بەرمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ. مەن شۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇققان . بولمىسا ھەتتا ساتقان ئالتۇن قازىنىڭىزمۇ داتلىشىدىغان چىقىپ قالىدۇ.
4. بىۋاستە سېتىشتا توختاۋسىز ئۆگۈنۈش لازىم ھەم ۋەدىگە ئەمەل قىلىش لازىم ، سىز مالنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا باشقىلارغا يالغانچىلىق قىلدڭىزمۇ بولدى ئىشڭىز ئاقمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى سودا ئىناۋىتىڭىزنى قايتا تىكلىيەلمەيسىز. ۋەدىگە ئەمەل قىلىش بىۋاستە سېتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى.
5.مال سېتىش سۈرئىتىنى تىزلىتىش ئۈچۈن سىز ئەۋۋال ئاددى باشقىلار ئىتتىك قوبۇل قىلالايدىغان تۈردىن باشلاپ مەبلەغ سېلىڭ ، تىز ئۈنىمىنى كۆرىسىز. باشقىلارنىمۇ تىز جەلىپ قىلالايسىز.
6.سەھەر قوپۇڭ، ئىشنى سەھەردىن باشلاڭ.
يۇقاقىلارنى قىلسىڭىز باشقىلاردىن بۇرۇن مۇۋاقىيەت قازىنالايسىز.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ| Archiver|يانفون|قاماقخانا| ئۇيغۇر ماركا تورى  

ئۇيغۇر ماركا تورى  

新疆德心商务服务有限公司创业信息网 Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) ( 新ICP备案14000156号-1 )

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش